Uyghur主要词典
شۇڭغۇتماق
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
قۇناق ئۇنىدىن قىلىنغان بىر خىل تاماق ( قۇناق ئۇنى سۇيۇق يۇغۇرلۇپ قايناۋاتقان سۇغا سىقىپ شۇڭغۇتۇلۇپ قايناۋاتقان سۇغا سىقىپ شۇڭغۇتۇلۇپ ئېتىلدۇ ).
ئۇيغۇر تائاملىرى
قوناق ئۇنى بىر كىلوگرام، ياغ لازا مۇۋاپىق مىقداردا، يېشىل ماش 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، چامغۇر 500 گرام، پىننە ئازراق.
ماشنى تازىلاپ، سوغۇق سۇدا 4-3 قېتىم يۇيۇپ، ئىلمان سۇ بار قازانغا سېلىپ، پەس ئوتتا قاينىتىلىدۇ. ماش ئېتىلغاندا چوڭ - چوڭ تۆت بۇرجەك توغرالغان چامغۇرنى سېلىپ 7-5 مىنۇت قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ.
2. قوناق ئۇنىغا تۇز قۇيۇپ قايناق سۇ بىلەن يۇغۇرۇپ، خېمىرنى ئۆرۈك قېقىدەك چوڭلۇقتا ئۈزۈپ، ئىككى قولىنىڭ ئالىقىنىغا ئېلىپ يۇمىلاقلاپ، چوڭ بارماق قولىنىڭ ئۇچى بىلەن بېسىپ كاۋاك قىلىپ، قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ 10 مىنۇت قاينىتىلىدۇ. ئاندىن پىننە سېلىپ قازاننى چۈشۈرۈپ، ئازراق تىنغاندىن كېيىن قاچىلارغا ئۇسۇپ، ھەربىر قاچىغا يېرىم قوشۇقتىن ياكى خالىغانچە ياغ لازا سالسا بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىر خىل يېمەكلىك. قوناق ئۇنىدىن يۇغۇرۇلغان خېمىر ياڭاق چوڭلۇقىدا ئۈزۈلۈپ، ئوتتۇرىسى كاۋاك قىلىنغاندىن كېيىن شورپىغا سېلىپ پىشۇرۇلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<شۇڭغۇماق> پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.
ۋەتەننىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەققىدىكى ئوتلۇق ئىستەكلەر ئۇلارنى ئىنقىلابىي كۈرەشنىڭ بىر دولقۇنىدىن يەنە بىر دولقۇنىغا تارتىپ كۈچلۈك شۇڭغۇتۇشقا باشلىغانىدى.