Uyghur主要词典
شۇڭا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سەۋەب باغلىغۇچى، قوشما جۈملىدە باش جۈملە بىلەن بېقىندى جۈملىنى باغلايدۇ، باش جۈملىدە ئېيتىلغان ئىش - ھەرىكەتنىڭ سەۋەبىنى كۆرسىتىدۇ.
سەندە قۇلاق ئىككى، ئېغىز بىر، شۇڭا كۆپرەك ئاڭلا، ئازراق ۋالاقلا. ياشلىق پەيتى قىممەتلىك، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ھەرگىز بوش ئۆتكۈزمە. قار يېغىپ قالدى، شۇ سەۋەبتىن بارالمىدىم. ھېرىپ قالدىم، شۇڭلاشقا بارمايمەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
باغلانما
<شۇنىڭ ئۈچۈن، شۇڭلاشقا> دېگەن مەنىدە سەۋەب باغلىغۇچى رولىدا سەۋەب بېقىندى جۈملىنىڭ بېشىدا كېلىدۇ.
- ئانام تويغا كەتكەنىدى، شۇڭا دادام بىلەن كېتىپ بارىمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئەپەندىم.