Uyghur主要词典
شىپىنېل
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<نېمىسچە
گىئولوگىيە
بىر خىل مىنېرال. كۆپىنچە تۆمۈر، خروم، مانگان، سىنك قاتارلىق ئىزومورفىزملار ئارىلاش كېلىدۇ. تەڭ ئوقلۇق كرىستال سىستېمىسىدا بولۇپ، كرىستاللىرى كۆپ ھاللاردا سەككىز ياقلىق شەكلىدە قىزىل، يېشىل، قارا قوڭۇر رەڭلەردە بولىدۇ. رەڭسىزلىرى ئاز ئۇچرايدۇ، ئەينەكتەك پارقىرايدۇ، قاتتىقلىقى 8؛ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى 3.5 - 3.7؛ ئۈزۈلۈش يۈزى سەدەپ شەكلىدە كېلىدۇ. سۈزۈك ۋە چىرايلىقلىرى گۆھەر ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتىكىلىرى بىلەي ماتېرىيالى قىلىنىدۇ.