Uyghur主要词典
شىپىلدىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
<شىپ> قىلغان ئاۋاز چىقارماق، <شىپ> قىلماق.
بىردىنلا ئۇنىڭ شىپىلداپ ماڭغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدىم.
يەڭگىل ۋە سىلىق قەدەم تاشلاپ ماڭماق.
تۈن يېرىمىدىن ئۆتكەندە باينىڭ خوتۇنى شىپىلداپ كېلىپ: - ھەي ئاتىسى، تۇرسىلا، ئويغىنىپ قالغۇچە چاپسانراق بېرىپ ئۇجۇقتۇرۇۋېتەيلى، - دەپ نوقۇپتۇ.
كۆزىنى چىمىلداتماق.
ئالدىڭمۇ دېسەم، كۆزىنى شىپىلدىتىپ قاراپ تۇرىدۇ.