Uyghur主要词典
شوخلا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆكتاتنىڭ بىر خىلى. دۈگىلەك، ياپىلاق، قىزىل، سېرىق بولىدۇ.
شوخلىنىڭ تەبىئىتى ھۆل سوغۇق، ئوزۇقلۇق ماددىلىرى مول. 100 گرام شوخلىدىن 13 كالورىيە قۇۋۋەت ھاسىل بولىدۇ. شوخلىنى خام يېگەن ياخشى. ئۇرۇقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى.
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ پېدىگەن ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، شوخلىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك
بولۇپ، غولىدا يۇمشاق تۈكلىرى بولىدۇ؛ گۈلى سېرىق كېلىدۇ؛ شىرنىلىك مېۋە تۇتىدۇ؛ مېۋىسى ياپىلاق ياكى شار شەكلىدە بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، تىلىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل
ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
ئىشتىھانى ئېچىش، قەۋزىيەتنى بوشىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
شوخلىنى ھۆل ھالەتتە ئىستېمال قىلىشنى ئادەت قىلسا، ئىسسىقتىن بولغان ھەرخىل كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھەركۈنى ناشتىدا بىر تالدىن شوخلا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، كىچىك بالىلاردىكى پۇت - قول مايماق بولۇپ قېلىش، كەم قانلىق، يەرقان،
بۆرەك ئىششىقى، دىئابېت ۋە سېمىزلىككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى شوخلىنى تەرخەمەك، قىزىلمۇچلار بىلەن قوشۇپ سوغۇق سەي تەييارلاپ ئىستېمال قىلسا، ئىسسىق تۇتۇش ۋە
ئىسسىقتىن بولغان گال ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
چەيزە ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. مېۋىسى ياپىلاق ياكى شار شەكلىدە بولۇپ، ئاساسەن كۆكتات قىلىنىدۇ.
شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى. ئۇ يەنە <پەمىدۇر> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.