Uyghur主要词典
شىنجاڭ ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتى
شىنجاڭدىكى بىر قىسىم تەشكىلاتلار
بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك ئەدەبىياتىنى تېپىش، رەتلەش، نەشر قىلىش، جۈملىدىن تەتقىق قىلىشنى ئاساسىي مەقسەت ۋە ۋەزىپە قىلغان شىنجاڭ خاراكتېرلىك ئىلمىي جەمئىيەت. بۇ جەمئىيەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسى، <شىنجاڭ گېزىتى> ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى قاتارلىق توققۇز ئورۇننىڭ ئىلتىماس قىلىشى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن 1993 ـ يىل 4 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى رەسمىي قۇرۇلغان. جەمئىيەتنىڭ پەخرىي رەئىسى تۆمۈر داۋامەت، رەئىس مەمتىمىن يۈسۈپ، مۇئاۋىن رەئىسلىرى - قەييۇم تۇردى، ئوبۇل ئىسلام، ئىمىن تۇرسۇن، خاۋ گۈەنجوڭ، شەرىپىدىن ئۆمەر، مۇھەممەتتۇرسۇن باھاۋىدىن. باش كاتىپى - مۇھەممەتتۇرسۇن باھاۋىدىن. جەمئىيەتنىڭ 33 نەپەر دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، 37 نەپەر ھەيئەت ئەزاسى، 250 نەپەر ئەزاسى، شۇنداقلا يەنە توققۇز كىشلىك مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسى بار.