Uyghur主要词典
شىنجاڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە مەكتىپى
领域: شىنجاڭ مائارىپىكەسپىي مائارىپ
ئاپتونوم رايونلۇق نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم. 1958 - يىلى 9 - ئايدا قۇرۇلغان. 1997 - يىلى
شىنجاڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە مائارىپ مەركىزى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئېلېكتر ئېنېرگىيە تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى، شىنجاڭ
ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىدارىسى پارتىيە مەكتىپى، كادىرلار تەربىيىلەش مەركىزى، ئىشچى - خىزمەتچى تەربىيىلەش مەركىزى، كەپشەرلەش
ئىشچىلىرىنى تەربىيىلەش مەركىزى، كەسپىي ئىقتىدارنى ئۆلچەش پونكىتى، يېزا مانتيورلىرىنى تەربىيىلەش مەركىزى ۋە ئېلېكتر ئېنېرگىيە
سىستېمىسى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھان كونسۇلتاتسىيە مەركىزى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان. قۇرۇلۇش كۆلىمى 46853 كۋادرات مېتىر.
ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىدىن فىزىكا، خىمىيە، مانتيورلۇق، ئېلېكترون، ئېلېكتر ماشىنىلىرى، ئاسراش ۋە ئاپتوماتىك قۇرۇلمىلار، ئىسسىقلىق
ئېنېرگىيە جەريانىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش، پار قازان، گاز ئايلاندۇرۇش ماشىنىسى قاتارلىق تەجرىبىخانا ۋە پراكتىكا زاۋۇتى بار. نۇقتىلىق
كەسپىلەردىن ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە ئېلېكتر ئېنېرگىيە سىستېمىسى، ئېلېكتر ئىستانسىسى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە ھەرىكەتچان
ئۈسكىنىسى قاتارلىقلار بار. ئوقۇتۇشتا خەنزۇ تىلى ئاساس، ئۇيغۇر تىلى قوشۇمچە قىلىنىدۇ. 1999 - يىلدىكى ئوقۇغۇچى سانى 1751 نەپەر، ئوقۇتقۇچى،
ئىشچى - خىزمەتچى 281 نەپەر، ئوقۇتقۇچى 128 نەپەر. بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي ئۇنۋانغا ئىگە ئوقۇتقۇچى 8 نەپەر، 1983 - يىلدىن بۇيان 5014 نەپەر ئوقۇغۇچى
تەربىيىلىگەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。