Uyghur主要词典
شىنجاڭ ئىلى يىڭسەي مەكتىپى
领域: شىنجاڭ مائارىپىئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان مەكتەپلەر
1999 - يىلى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى قۇرۇلغان. ئىلى رايونىدىكى بالىلار باغچىسى باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىر گەۋدە قىلىنىپ، 16 يىللىق ئوقۇش تۈزۈمىنى يولغا قويغان ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ بىرى. 2000 - يىلى كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار 60 نەپەرگە، ئوقۇتۇش سىنىپى 22 گە، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار 800 نەپەرگە يەتكەن. مەكتەپ 30 مىليون يۈەن توپلاپ، كۆپ ئىقتىدارلىق زامانىۋىلاشقان ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسى ۋە ئۆلچەملىك ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسى ھەم بىرلا ۋاقىتتا 1600نەپەردىن ئارتۇق ئادەمنى سىغدۇرالايدىغان ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ چىققان. مەكتەپنىڭ زامانىۋىلاشقان ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىدىن ئۈچ ئېغىزلىق بىرلا ۋاقىتتا 120 ئوقۇغۇچىغا دەرس ئۆتكىلى بولىدىغان كۆپ مىدىيالىق تور دەرسخانىسى، 400 نەپەردىن ئارتۇق كىشىنى سىغدۇرالايدىغان كۆپ مىدىيالىق ئېلېكترلەشكەن دوكلات زالى، يېپىق يوللۇق قوش يۆنىلىشلىك ئوقۇتۇشنى كونترول قىلىش سىستېمىسى،
كومپيۇتېر مەكتەپ ئىچى تور سىستېمسى قاتارلىق تۈرلەر بار. مەكتەپ يەنە مەبلەغ سېلىپ 400 مېتىرلىق ئۆلچەملىك يۈگۈرۈش يولى بولغان،
يېشىللاشقان پۇتبول مەيدانى قاتارلىقلارنى يېڭىدىن قۇردى، مەكتەپنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 30000كۋادرات مېتىردىن ئارتۇق.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。