Uyghur主要词典
شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى
领域: شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ژۇرناللار<شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى> - پەسىللىك ئىلمىي ژۇرنال بولۇپ، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى نەشر قىلىدۇ، <شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى> ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى نەشرگە تەييارلايدۇ. بۇ ژۇرنال دەسلەپ <شىنجاڭ تارىخشۇناسلىقى> دېگەن نام بىلەن 1980 - يىلى قەرەلسىز، ئىچكى قىسىمدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان، 1982 - يىلدىن تارتىپ ھازىرقى نامى قوللىنىلىشقا باشلىغان ھەم بىر تۇتاش، قانۇن، تارىخ، دىن ھەققىدىكى تەتقىقاتلار قاتارىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارغىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلىدۇ. ئەدەبىيات تەتقىقاتى جەھەتتە ئاساسەن ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى جەھەتتىكى تەتقىقاتتىن باشقا، يەنە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، سېلىشتۇرما ئەدەبىيات تەتقىقاتى قاتارلىقلار ھەققىدىمۇ ماقالىلەر ئېلان قىلىنىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。