Uyghur主要词典
شىنجاڭ شەھەر قۇرۇلۇش مەكتىپى
领域: شىنجاڭ مائارىپىكەسپىي مائارىپ
1985 - يىلى 5 - ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرى شىمالىي بېيجىڭ يولىدا قۇرۇلغان. 1986 - يىلى تۇنجى تۈركۈمدە
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. ئوقۇش تۈزۈمى ئىككى يىلدىن تۆت يىلغىچە ئاپتونوم ايونلۇق قۇرۇلۇش نازارىتىگە قارايدىغان مەكتەپ. 1996 -، 1993 -،
1992 - يىللىرى ئۈچ قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى تەشكىللىگەن ئوقۇ - ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى باھالاشتىن ئۆتكەن. 1996 - يىلى 7 ـ ئايدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم دەپ بېكىتىلگەن. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 64594 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى
قۇرۇلۇش كۆلىمى 19245 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش خەنزۇ تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى، شەھەر مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇشى،
باغچا، ئۆي - زېمىن تىجارىتى ۋە باشقۇرۇش، باھانى خامچوت قىلىش، شەھەر لايىھىلەش، سۇ بىلەن تەمىنلەش ۋە كېرەكسىز سۇنى چىقىرىش، يول ۋە
كۆۋرۈك، مۇھىت قۇرۇلۇشى، ئىسسىقلىق ۋە گاز بىلەن تەمىنلەش، ئۆي مۈلۈك باشقۇرۇش، مۇھىت سەنئىتى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان. مەكتەپ
باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكومنى ئاساس قىلغان. چوڭلار ئالىي تېخنىكومى، تېلېۋىزىيە ئالىي مەكتىپى، سىرتتىن ئوقۇش،
ئىش ئورنى بويىچە تەربىيىلەش قاتارلىق كۆپ قاتلملىق كۆپ شەكىللىك ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەن. مەكتەپ كۇتۇپخانىسىدا 38006
پارچە كىتاب ساقلانماقتا. مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش شارائىتى ۋە ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېرەكسىز سۇنى باشقۇرۇش
باشقارمىسى، يۇقىرى سۈرئەتلك تاشيول باشقۇرۇش باشقارمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تۆتىنچى قۇرۇلۇش شىركىتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار
بىلەن تەجرىبە مەشغۇلات بازىسى قۇرغان. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان 2800 نەپەر ھەر تۈردىكى ئوقۇغۇچى، 3000 دىن ئارتۇق ھەر دەرىجىلىك كادىر
تەربىيىلىگەن. مەكتەپ شتاتى 147 نەپەر. 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 81 نەپەر (ئالىي ئۇنۋانغا ئېرىشكىنى 23 نەپەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك
ئۇنۋانغا ئېرىشكىنى 44 نەپەر)، ئوقۇغۇچى سانى 1785 نەپەر.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。