Uyghur主要词典
شىنجاڭ غەربىي دىيار كەسپىي مەكتىپى
领域: شىنجاڭ مائارىپىئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان مەكتەپلەر
يەنە بىر نامى ئۈرۈمچى مەشئەل مەكتىپى. شىنجاڭ غەربىي دىيار كەسپىي مەكتىپى 1994 - يىلى 6 - ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئەسلى نامى شىنجاڭ خۇيدا سودا تەربىيىلەش مەركىزى ئىدى. 1995 - يىلى 8 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن شىنجاڭ غەربىي دىيار كەسپىي مەكتىپى بولۇپ قۇرۇلغان. مەكتەپ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ ئورگىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەتتە كەسىپ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، مەلۇم كەسپىي بىلىمگە ۋە كەسپىي ماھارەتكە ھەم بىر قەدەر كۈچلۈك پائالىيەتچانلىققا ئىگە، ئەتراپلىق تەرەققىي قىلغان كەسپىي تېخنىك خادىملارنى تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بەرگەن. 2000 - يىلى مەخسۇس ۋە قوشۇمچە ئوقۇتقۇچىلار 55 نەپەرگە (ئۇنىڭ ئىچىدە ئالىي ئۇنۋانى بارلار توققۇز نەپەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋانى بارلار 20 نەپەرگە، تۆۋەن دەرىجىلىك ئۇنۋانى بارلار 26 نەپەرگە) يەتكەن. ئوقۇتۇش سىنىپى 20 گە، ئوقۇغۇچىلار 600 نەپەرگە يەتكەن. مەكتەپتە ھازىر مېھمانخانا، ياتاقخانا، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيى، كومپيۇتېر، سىلىسارلىق، ئېلېكترلەشكەن ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش، مالىيە بوغالتىرلىق قاتارلىق سەككىز تەجرىبىخانىسى بار. كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتابلار 10 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى جەمئىي 1500 نەپەردىن ئارتۇقم بۇ مەكتەپ مەكتەپنىڭ تېخىمۇ چوڭ تەرەققىياتلرغا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئىزدىنىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقىرى يېڭى تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش رايونى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، شىنجاڭ غەربىي دىيار تېخنىكا مەكتپى بىلەن ئەسلىدىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 45 - ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇش، ھۆكۈمەت ياردەم بېرىش خاراكتېردىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم، ئوتتۇرا باشلانغۇچ، بالىلار باغچىسى بىر گەۋدە قىلىنغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەشئەل مەكتىپىنى قۇرۇپ چىقتى. 2000 - يىلى 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئۈرۈمچى مەشئەل مەكتىپى رەسمىي قۇرۇلدى. مەكتەپنىڭ يەر كۆلىمى 66600 كۋادرات مېتىر. قۇرۇلۇش كۆلىمى 16000 كۋادرات مېتىر. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار 1300 نەپەردىن ئارتۇق. نۆۋەتتە بۇ مەكتەپ ئۈرۈمچى رايونىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسى ۋە ئوقۇتۇش تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرىگە ئىگە.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。