Uyghur主要词典
شىمالىي ۋە جەنۇبىي سۇلالىلەر
领域: دۇنيا تارىخى(1)1336 - 1392 - يىللىرىدىكى ياپونىيە مۇروماچى مەزگىلىدە ئىككى پادىشاھلىق ھۆكۈمرانىنىڭ قارشىلىشىش ۋەزىيىتى. 1336 - يىلى كورىشىمونى كىيوسىيۇدىن ئەسكەر يۆتكەپ كيوتوغا بېسىپ كىرىپ تېننو گوتىخۇنى نەزەربەند قىلىپ، تېننو خوشىنىساۋنىڭ ئەۋلادى تېننو گۇاڭمىڭنى يۆلەپ تەختكە چىقارغان. تېننو گوتىخۇ جىيېگە قېچىپ بېرىپ ئوردا قۇرغان، ئۇ<جەنۇبىي سۇلالە> دەپ ئاتىلىپ، كيوتودىكى سۇلالە <شىمالىي سۇلالە> دەپ ئاتالغان. 1339 - يىلى تېننو گوتىخۇ ئۆلۈپ كېتىپ، تەختكە تېننو خوسۇنشاڭ ۋارىسلىق قىلغان. جەنۇبىي سۇلالىنىڭ ئەسكىرىي كۈچى بارا - بارا خارابلاشقان. شوگناتنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ ماجىرا يۈز بەرگەن، كورشىمونى يەنە جەنۇبىي سۇلالەبىلەن ئالاقە قىلىپ، 1351 - يىلى شىمالىي سۇلالىنىڭ تېننوسى چوڭگۇاڭنى بىكار قىلىپ، ئىككىنچى يىلى شىمالىي سۇلالىدە تېننو خۇگۇاڭيەننى تەختكە چىقارغان. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن شىمالىي سۇلالىنىڭ ئورنى كۈچەيگەن. 1392 - يىلى ئاشكاگا جەنۇبىي سۇلالىنىڭ تېننوسىخوگۇيشەننى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبور قىلغان، شۇنىڭ بىلەن شىمالىي سۇلالىنىڭ تېننوسى خوشياۋسۇڭ بىردىنبىر تېننو بولۇپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلىەرگە خاتىمە بېرىلگەن. ئىككى پادىشاھلىقنىڭ قارىمۇ قارشىلىقى ماھىيەتتە يەنىلا سامورايلار گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قارىمۇ قارشىلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، كېيىن مۇروماچى شوگناتى پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. (2) ⅥⅩ ئەسىردىكىۋيېتنامنىڭ جەنۇب ۋە شىمال قارىمۇ قارشى بولغان ھاكىمىيەت. 1527 - يىلى، كېيىنكى لىسۇلالىسىنىڭ زالىم ۋەزىرى مۇدىڭيوڭ تەختنى تارتىۋېلىپ، مۇ سۇلالىسىنى قۇرۇپ، خانۇينى پايتەخت قىلىپ، ۋيېتنامنىڭ شىمالىي قىسمىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، شىمالىي سۇلالە دەپ ئاتالغان. مۇدىڭيوڭ تەختنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، لى سۇلالىسىنىڭ پىشقەدەم ۋەزىرى رۇەن جىن قاتارلىقلار ئەيلاۋغا قېچىپ بېرىپ، كۈچ تەشكىللەپ، 1533 - يىلى لى جۇاڭزۇڭنى (لى نىڭ)تەختكە چىقىرىپ، ھاكىمىيەت قۇرۇپ، جەنۇبىي سۇلالە دەپ ئاتاپ، شىدۇنى (ھازىرقى چىڭخۇا) پايتەخت قىلىپ، چىڭخۇانىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئىككى سۇلالە ئۈزلۈكسىز ئۇرۇشقان. 1592 - يىلى جەنۇبىي سۇلالىنىڭ سەركەردىسى جېن سوڭ خانۇينى ئىشغال قىلىپ، جەنۇبىي سۇلالە بىلەن شىمالىي سۇلالە تىركىشىپ تۇرۇش ھالىتىگە خاتىمەبەرگەن، لېكىن مۇدىڭيوڭ يەنىلا گاۋپىڭ ئەتراپىنى ئىگىلەپ، تاكى 1667 - يىلىغا بارغاندىلا ئاندىن يوقىتىلغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。