Uyghur主要词典
شىمالىي يەر تاقىم ئاراللىرى
领域: دۇنيادىكى شەھەرلەرسوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىمالىي مۇز ئوكيان ياقىسىدىكى كارسكى دېڭىزى بىلەن لاتتۋىخ دېڭىزى ئارىسىغا جايلاشقان. بۇ تاقىم ئاراللار ئۆكتەبر، بولشېۋىك كوممۇنىستىك ئىتتىپاق ئەزاسى ھەم پىئونېردىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئارال ھەم نۇرغۇن ئۇششاق ئارالدىن تەشكىللەنگەن. مەيدانى 37 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يەر ئۈستى كۆرۈنۈشى ئېدىرلىق، تۈزلەڭلىك، تاغلىقلاردىن ئىبارەت. ئەڭ ئېگىز يېرى 965 مېتىر كېلىدۇ. ھاۋاسى سوغۇق، يېرىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك مۇزلۇقلار قاپلاپ تۇرىدۇ، ئاھالىسى شالاڭ بولۇپ، ئاساسەن بېلىقچىلىق، ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。