Uyghur主要词典
شەنخې مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىز ياقىسىدىكى مەسچىتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئورنى جاڭسۇنىڭ ياڭجۇ شەھىرىدىكى نەنمېڭ كوچىسىدا. مەسچىت تۇرنا شەكلىدە سېلىنغاچقا «شەنخې سى» (تۇرنا مەسچىت) دەپ ئاتالغان. تارىخىي خاتىرىلەردىن قارىغاندا، بۇ مەسچىتنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ 16 - ئەۋلادى بۇرھانىددىن 1265 - يىلىدىن 1274 - يىلىغىچە ئارىلىقتا سالدۇرغان. 1390 - يىلى ھەسەن قايتا سالدۇرغان. 1523 - يىلى سودىگەر مازۇڭدا بىلەن ئىمام خامىن رېمونت قىلدۇرغان. 1957 - يىلى بۇ مەسچىتتىن 1407 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خاننىڭ تامغىسى بېسىلغان پەرمان تېپىلدى. بۇ پەرمان خەنزۇچە، پرسچە، موڭغۇلچە ئۈچ خىل يېزىقتا يېزىلغان. بېيجىڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدا ساقلىنىۋاتقان ئەتىۋارلىق مەدەنىي يادىكارلىق ھېسابلىنىدۇ.