Uyghur主要词典
شەنشى مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ مەسچىت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇمۇل شەھىرى دېموكراتىيە كوچىسىدىكى خۇيزۇ مەسچىتى بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈينىڭ 24 _ يىلى ( 1898 _ يىلى ) سېلىنغان. گۇڭشۈينىڭ 7 _ يىلى ( 1881 _ يىلى ) چىڭ سۇلالىسىنىڭ قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق جەنرۈي قوشۇنى تارقىتىۋېتىلگەندە، بۇ قوشۇن ئىچىدىكى خۇيزۇ ئەسكەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى قومۇلدا ئولتۇراقلىشىپ قالىدۇ. ئۇلار ئالدى بىلەن گۇاڭخۇا كوچىسىدا كونا ئۆيلەرنى ۋاقىتلىق مەسچىت قىلىدۇ. گۇاڭشۈينىڭ 19 _ يىلى ( 1893 _ يىلى ) خۇيزۇ مۆتىۋەرلىرىدىن ماجۆسەن، لى كەيزۇڭ، ليۇۋەنيىڭ قاتارلىقلار بىرلىشىپ پۇل توپلاپ بۇ مەسچىتنى كېڭەيتىپ قۇرۇشقا كىرىشىپ گۇاڭشۈينىڭ 24 _ يىلى ( 1989 _ يىلى ) يازدا پۈتتۈرگەن. كېيىن چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى بىلەن سەككىز بۇرجەكلىك پەشتاقلىق بىنا سېلىنىپ بۇ جايغا چىڭ سۇلالىسى پادىشاھنىڭ نامى يېزىلغان تاختاي ئورنىتىلغان. بۇ مەسچىت 1983 _ يىلى رېمونت قىلىنغان.