Uyghur主要词典
شاخ ئىزى
بىئولوگىيە
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غولىدىن شاخقا تارماقلىنىپ چىققان بىر بۆلەك قاناللار باغلىمى. ئۇ يوپۇرماق ئىزى ۋە يوپۇرماق بوشلۇقىنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپىگە جايلىشىدۇ. شاخ ئىزىنىڭ ئۈستىدىمۇ يوپۇرماق بوشلۇقىغا ئوخشايدىغان، نېپىز پوستلۇقى توقۇلمىدىن تۈزۈلگەن دائىرە بولىدۇ، ئۇ شاخ بوشلۇقى دەپ ئاتىلىدۇ. غولىدىكى قاناللار باغلىمى يوپۇرماق ئىزى بىلەن شاخ ئىزى بوغۇمىدا ئۇچرىشىدىغانلىقتىن مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ.