Uyghur主要词典
شاخ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
دەرەخ شېخى، پۇتاق:
ھايۋان ياكى ئەپسانىۋى مەخلۇقلارنىڭ مۈڭگۈزى.
1. مۇنى ئاڭلاپ دەرەخت ئۈستىگە چقتىم،
ياشۇنۇپ شاخ ئارا باشىمنى تىقتىم.
ناقىس.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
شاخ؛ مۈڭگۈز؛ پۇتاق، كۆچمە مەنىسى: كاناي؛ مۈڭگۈز قەدەھ، قەدەھ؛
بىئولوگىيە
غولىنىڭ ئاساسىي ئوقىدىن ئۆسۈپ چىققان قىسىم بولۇپ، ئادەتتە قولتۇق بىخىنىڭ ئۇزىرىشىدىن ھاسىل بولىدۇ، شاختا بوغۇم، بوغۇم ئارىلىقى، يوپۇرماق ۋە بىخ بولىدۇ. ئەگەر شاخنىڭ ئۆسۈشى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، بوغۇم ئارىلىقى ئوزۇن بولسا ئۇزۇن شاخ ھاسىل بولىدۇ، ئەكسىچە، بوغۇم ئارىلىقى قىسقا، بوغۇملىرى زىچ، يوپۇرماقلىرى توپلىشىپ ئۆسكەن شاخ قىسقا شاخ دەپ ئاتىلىدۇ. مامكاپ قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈل شېىى ھاسىل بولۇشتىن ئىلگىرىكى غولى قىسقا شاخ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بەزى ئۆسۈملۈكلەردە بىرلا ۋاقىتتا قىسقا شاخمۇ ئۇزۇن شاخمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، كۈمۈش ئۈرۈكىنىڭ ئۇزۇن شېخىدا كۆپلىگەن قىسقا شاخلار بولىدۇ. قىسقا شاخلاردا يوپۇرماق توپلىشىپ ئۆسىدۇ. مەسىلەن، جۇڭگو قىزىل قارىغىيىنىڭ قىسقا شېخىنىڭ تۈۋىدە تەڭگىچىلەر زىچ ئۆسىدۇ، ئۇچىدا ئىككى تال يوپۇرماق بولىدۇ. ئالما ۋە نەشپۈتنىڭ قىسقا شېخىدا گۈل ئۆسۈپ كېيىن مېۋە شېخىغا ئايلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئۆسۈملۈك، دەرەخ قاتارلىقلارنىڭ يانلىرىدىن ئۆسۈپ چىققان تارماق بۆلىكى؛ پۇتاق.
دەرەخ شېخى. قوناق شېخى.