Uyghur主要词典
شالغۇت ئۈستۈنلۈكى
بىئولوگىيە
ئېرسىيەت تىپلىرى ئوخشىمايدىغان ئىككى ئاتا - ئانا تۈپلەرنىڭ شالغۇتلاشتۇرۇلغان ئەۋلادىنىڭ ئۆسۈش كۈچى كۈچلۈك، يېتىلىشى تېز بولۇپ، ھاياتلىق كۈچى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش ھادىسىسى. بۇ خىل ھادىسە دائىم يۇقىرى دەرىجىدە ئۆزىدىن چېتىشقان نەسىلداشلار ئارىسىدىن پەيدا بولغان شالغۇتلاشقان ئەۋلادتا كۆرۈلىدۇ. شالغۇت ئۆستۈنلۈكى يېزا ئىگىلىكىدە كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىدۇ، مەسىلەن، شالغۇتلاشتۇرۇلغان كۆممىقوناق ۋە شالغۇتلاشتۇرۇلغان شالنىڭ مەھسۇلاتى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ.