Uyghur主要词典
شال
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
دانىلىق زىرائەت، پوستى ئاقلانغاندىن كېىن گۈرۈچ بولىدۇ.
شال تېرىماق. * شال ئوتىماق. * شال ئاقلىماق. * كىشىلەر، بۈگۈنكى كۈندە تالدا، مالدا، شالدا بەرىكەت بار، دېيىشىدۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
يۇڭدىن توقۇلغان قېلىن تىۋىتلىق رومال.
تىۋىت شال، * شال ئارتىماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
تاختاي، پەن.
شال تىلماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
شۈلگەي، شالۋاق.
شالىنى چاچماق. * شالىنى ئاققۇزماق.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
يۇڭ رەخت؛ يۇڭ رەختتە تىكىلگەن كىيىم؛ رومال.
دىدىكىم بىنەزىرى؛ قالمادى مال،
ئالىپ كەلدىم ھەمە كىمخاب ئىلە شال.
ناقىس.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ياغلىق، رومال، سارغۇچ، لېچەك؛ يۇڭدىن توقۇلغان كىيىم، توقۇلما رەخت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىلىۋېلىنغان نېپىز ۋە ئۇزۇنچاق ياغاچ.
«پەن» ئىلى شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ. خەنزۇچە: 板
ئېگىلىدىغان تاختاي سۇنمايدۇ. سېسىغان شال مىخ تۇتمايدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خوتۇن - قىزلار بېشىغا سالىدىغان تۆت بۇرجەك ياكى ئۈچ بۇرجەك، چوچىلىق توقۇلما.
<چىپچەك> قۇمۇل شېۋىسىدە، <سارىغۇچ> قەشقەر شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
ساق باشقا ياغلىق تاڭما. رومىلىمنى يۇدۇردۇم، قارا تالغا يايدۇردۇم، خودا قوشقان يارىمنى قاراقچىغا ئالدۇردۇم. شال سالغان ئايال سالاپەتلىك كۆرۈنەر. لىچەك كىيمىگەنگە قارىسىغا باھا بەرمە.
شىۋىلەر
ئېغىزدىن ئاققان سۇ، شۈلگەي ( بەزى جايلاردا « شالۋاق » مۇ دېيىلىدۇ ).
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
شال، تېرىق، قوناق، بۇغداي ۋە پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى دانلىق زىرائەتلەر دېيىلىدۇ. شال دانلىق زىرائەتلەرنىڭ ئالدى (بىرىنچىسى) بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ئاساسلىق ئاشلىق زىرائىتى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ تېرىپ ئۆستۈرۈلۈش كۆلىمى ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. دۇنيا ئاھالىسىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك گۈرۈچنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلىدۇ.
مەملىكىتىمىز دۇنيادا شال ئۆستۈرۈش تارىخى ئەڭ ئۇزۇن دۆلەت. ئارخېئولوگلارنىڭ جېجياڭ ئۆلكىسى يۈياۋ ناھىيىسى خېمۇدۇ خارابىسىدىن چىققان ئاساسلار6000 −7000 يىل ئىلگىرىلا بۇ يەردە شال تېرىلغانلىقىنى دەلىللەپ، ئېلىمىزنىڭ شال ئۆستۈرۈش تارىخى دۇنيادا شال تېرىش تارىخى بىرقەدەر ئۇزۇن دەپ قارىلىدىغان تايلاندتىنمۇ مىڭ نەچچە يىل بۇرۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئامېرىكىلىقلارنىڭ شال تېرىش تارىخى يېقىنقى500 يىل ئۆپچۆرىسىدىكى ئىش. كولومبو1493 - يىلى ئىككىنچى قېتىم يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇققا چىققاندا ئىسپانىيىدىن شال ئۇرۇقى ئالغاچ بارغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئامېرىكىلىقلار گۈرۈچ تامىقىنىڭ تەمىنى تۇنجى قېتىم تېتىپ كۆرگەن.
شال باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ غولى تىك، ئىچى كاۋاك ھەم بوغۇملۇق بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى تار ۋە ئۇزۇن ھەم چىڭ بولۇپ، يوپۇرماق غىلىپىدا تىۋىت تۈكلىرى بولىدۇ. گۈل رېتى كونۇسسىمان گۈل رېتى بولۇپ، ھەربىر شال باشىقىدا100 −200 گىچە كىچىك باشاق (يەنى قاسىراقلىق گۈل) بولىدۇ. شالنىڭ قىلتىرىقلىق مېۋىسى شال دېنى دېيىلىدۇ.
شال ئۆسۈملۈكى ئوخشاش بولمىغان تېمپېراتۇرا شارائىتىنىڭ تەسىرىدە دىففېرېنسىيىلىنىپ سوقىچاق شال بىلەن يۇمىلاق (قىسقا غوللۇق) شالدىن ئىبارەت ئىككى خىل جۇغراپىيىلىك كىلىمات ئېكولوگىيىلىك تىپنى شەكىللەندۈرگەن. يەنە ئوخشاش بولمىغان يورۇقلۇق شارائىتىنىڭ تەسىرىدە دىففېرېنسىيىلىنىپ ئۈچ خىل پەسىللىك كىلىمات ئېكولوگىيىلىك تىپى، يەنى چىلگە شال، ئارا شال ۋە كەنجى شال قاتارلىقلارنى شەكىللەندۈرگەن. بۇلارنىڭ ھەربىرىدە يەنە يېپىشقاق شال بىلەن نومى شېلىدىن ئىبارەت ئىككى ئۆزگەرگەن تۈرى بولىدۇ. يېپىشقاق شال بىلەن نومى شېلىنىڭ ئاساسلىق پەرقى ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى كراخمال خۇسۇسىيىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. يەنى، يېپىشقاق شالدا تۈز زەنجىرلىك كراخمال كۆپرەك بولغاچقا، شىلىملىشىشى تەسرەك بولىدۇ؛ نومى شېلىدا تارماق زەنجىرلىك كراخمال كۆپرەك بولغاچقا، شىلىملىشىشى ئاسانراق بولىدۇ.
شال ئادەتتە تېيىز سۇلۇق ئېتىزلاردا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ، ئەمما ئۇ ھەرگىزمۇ سۇ ئۆسۈملۈكى ئەمەس. ئېتىزدىكى سۇلار شالنى يېتەرلىك سۇ بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ تۇراقلىق تېمپېراتۇرىدا ئۆسۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. شال تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە نىسبەتەن ئىنتايىن سەزگۈر كېلىدۇ، ئەمما سۇنىڭ ئىسسىقلىق سۈمۈرۈشى ۋە ئىسسىقلىق تارقىتىشى بىرقەدەر ئاستا بولغاچقا، شالنى مۇقىم تېمپېراتۇرا شارائىتى بىلەن تەمىنلەپ بېرەلەيدۇ.
گۈرۈچنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئېلىمىز خەلقى ئارىسىدا »ئادەم تۆمۈر بولسا، گۈرۈچ تامىقى پولات« دەيدىغان تەمسىل بار.
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
گۈرۈچ تامىقى مەززىلىك بولۇپ، ھەممە ئادەم ئۇنى ياقتۇرۇپ يەيدۇ، ئۇ − پۈتۈن دۇنيادىكى 50% تىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكى. ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق زىرائىتى ئىشلەپچىقىرىشىدا شال بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئېلىمىزدە شال ئۆستۈرۈلىدىغان رايونلار ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، جەنۇبىي دېڭىز تاقىم ئاراللىرىدىن شەرقىي شىمالنىڭ سۇڭ - لياۋ تۈزلەڭلىكىگىچە، شەرقتىكى تەيۋەندىن غەربتىكى شىنجاڭ، شىزاڭغىچە، تۈزلەڭلىكتىكى پاكار ئېدىرلىقلاردىن دېڭىز يۈزىدىن2600 مېتىر كېلىدىغان ئېگىزلىكلەردىكى جىلغىلارغىچە شالنىڭ ئىزنالىرى بار.
ھازىر ئېلىمىزدە تېرىلىۋاتقان شالنى ئاساسلىقى سوقىچاق شال ۋە يۇمىلاق شالدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. سوقىچاق شالدىن ئايرىۋېلىنغان گۈرۈچ سوقىچاق گۈرۈچ دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ خىل گۈرۈچنىڭ دېنى ئۇزۇنچاق، سۈپىتى سەل ناچار، ئۇۋىقى كۆپ بولىدۇ؛ يۇمىلاق شالدىن ئايرېۋىلىنغان گۈرۈچ يۇمىلاق گۈرۈچ دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ دېنى يۇمىلاق، يېپىشقاقلىقى كۈچلۈكرەك، سۈپىتى ياخشى، ئۇۋىقى ئاز بولغاچقا ياخشى گۈرۈچ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. لېكىن، سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق، سوقىچاق شالنىڭ تۈپلىنىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئۆسۈشى باراقسان بولۇپ، قۇۋۋەتسىز يەرلەرگە چىداملىق، دېنى ئاسان ئاجرىلىدۇ، سۇنى كۆپ يېگەچكە، تامىقى ئاينىشلىق بولۇشتەك ئۈستۈنلۈككە ئىگە، ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى كۆپ قىسىم شال ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلاردا يەنىلا سوقىچاق شال تېرىش ئاساس قىلىنىدۇ.
شال ئەسلىدە سۇدا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك بولماستىن، سازلىقلاردا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك ئىدى. سازلىقلارنىڭ مۇھىتى ئۆزگىرىشچان بولۇپ، گاھىدا سۇ بېسىپ كېتىپ ئوكسىگىن كەمچىل بولسا، گاھىدا قۇرغاقچىلىق بولۇپ سۇ كەمچىل بولۇپ تۇراتتى. بۇ خىل ئالاھىدە مۇھىتقا ئۇزاقتىن بۇيان ماسلىشىش نەتىجىسىدە، شالدا سۇدا ئۆسىدىغان، ئەمما ھۆلچىلىكتىن قورقىدىغان غەلىتە خاراكتېر شەكىللەنگەن. شالنىڭ ھۆلچىلىكتىن قورقۇشى قانداق ئەھۋال؟ ئەسلىدە شالنىڭ پۈتۈن ئۆسۈش مەزگىللىرىدە سۇغا بولغان تەلىپى ئوخشاش بولمايدۇ. مايسا مەزگىلىدە شالنىڭ يىلتىز سىستېمىسى ئۆسۈۋاتقان بولغاچقا، ئوكسىگېنغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولىدۇ، شۇڭا، شال ئېتىزىنى قۇرغاق تۇتۇپ، مايسىنىڭ يىلتىز سىستېمىسىنى يېتەرلىك ئوكسىگېنغا ئىگە قىلىش ئارقىلىق يىلتىز سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مايسىنىڭ كۈنسايىن چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، شالنىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياجىمۇ بارغانسېرى ئېشىپ بارىدۇ، بىراق ئۇزاق مۇددەت سۇ ئىچىدە تۇرغۇزۇشقىمۇ بولمايدۇ، شۇڭا قۇرغاق بىلەن نەملىكنى ماسلاشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.
ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەت داۋامىدا، كىشىلەر شالنى سۇغىرىشتىكى مۇنداق پرىنسىپنى يەتكۈنلەپ چىقتى: «بىر سۇڭ سۇدا قايتا كۆكىرىدۇ، تېيىز سۇدا تۈپلىنىدۇ، مايسا تاقلانغاندىن كېيىن ئاپتاپقا سېلىنىدۇ، كېيىنكى مەزگىلدە ئارىلاپ سۇغىرىلىدۇ، گاھ قۇرغاق، گاھ ھۆل تۇتۇلىدۇ، ئاخىرغىچە نەملىكتىن ئايرىلمايدۇ».
ئېلىمىزدىكى شال تېرىيدىغان كەڭ رايونلاردا يەنە شالنىڭ بەزى ئېسىل سورتلىرى تارقالغان. مەسىلەن، ھازىر بازاردا ئۇچرىتىدىغان زىمى گۈرۈچى ۋە خېمى گۈرۈچىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، قۇۋۋەتلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاچقا باھاسىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى. بۇلاردىن باشقا، ئۆزگىچە خۇش پۇراقلىق شاللارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ئەتىۋارلىق ئېسىل يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر يېمەكلىكنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بولۇشىغا بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى، ئەلا سۈپەتلىك ئالاھىدە سورتلۇق شالنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شال ئىشلەپچىقىرىشىدىكى يېڭى ئىشقا ئايلاندى.
بىئولوگىيە
باشاقلىقلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ، بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، غولى تىك ئۆسىدۇ، ئوتتۇرىسى كاۋاك، بوغۇملۇق بولىدۇ. تۈپلىنىدۇ. يوپۇرمىقى يىپسىمان، پوپۇرماق غىلىپىدا تىۋىت تۈكچىلەر بولىدۇ. كونۇسسىمان گۈل رېتى شالاڭ بولىدۇ؛ كىچىك باشىقىنىڭ ئىككى يېنى ياپىلاق بولۇپ، ئىچىدە ئۈچ دانە كىچىك گۈلى بولىدۇ. تۆۋەن تەرەپتىكى ئىككى دانە كىچىك گۈلى چېكىنىپ پەقەت ئىنتايىن كىچىك سىرتقى قاسىرىقىلا ساقلىنىپ قالىدۇ ھەمدە بىر دانە قوش جىنسلىق گۈلنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە جايلىشىدۇ؛ قاسىرىقى ئىنتايىن چېكىنگەن بولۇپ، پەقەت كىچىك باشاق سېپىنىڭ ئۇچىدا يېرىم ئايسىمان ئىزى قالىدۇ. قوش جىنسلىق كىچىك گۈلنىڭ سىرتقى قاسىرىقىدا تۈكچىلەر بولىدۇ. قىلتىرىق بولىدۇ ياكى بولمايدۇ. ئىچكى قاسىرىقىدا ئۈچ دانە تومۇرى، مېۋىسىدە قىلتىرىقى بولىدۇ، جۇڭگو ئۇنىڭ ئەسلى ماكانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھەرقايسى ئۆلكىلەردە ئۆستۈرۈلىدۇ، بولۇپمۇ، جەنۇبتا ئەڭ كۆپ ئۆستۈرۈلىدۇ، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شال شەرقىي ئاسىيادىكى ئەڭ ئاساسلىق ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ قۇرۇقلۇق ۋە سۇلۇق شېلى دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ؛ كېيىنكىسىنىڭ سورتى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقلىرىدىن قىسقا غوللۇق شال، سوقىچاق شال ۋە يېپىشقاق شالدىن ئىبارەت ئۈچ لىنىيىسى بار، لىنىيە ئىچىدە يەنە بىر قانچە سورت لىنىيىسى بولىدۇ. مەسىلەن، چىلگە شال، نورمال پىشىدىغان شال ۋە كېچىكىپ پىشىدىغان شال قاتارلىقلار. بەزى ئالىملار قىسقا غوللۇق شال بىلەن يېپىشقاق شالنى ئىككى ئۆزگەرگەن تۈردە قارايدۇ، بىراق بۇ چۈشەنچە كۆپ قوللىنىلمايدۇ. شالنىڭ ئۇرۇقى (گۈرۈچ) نى ئىستېمال قىلىش، ھاراق ئېچىتىش، سىركە ئېچىتىش، كراخمال ئايرىشتىن باشقا، گۈرۈچ كېپىكى يەم - خەشەك قىلىنىدۇ؛ شادىسى يېقىلغۇ قىلىنىدۇ ۋە قەغەز ياسىلىدۇ. يەم - خەشەك قىلىشقىمۇ بولىدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
كۇلۇب؛ ئۆي
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئېغىزدىن ئاققان شىلىمشىق سۇيۇقلۇق، شۆلگەي.
- بۆرىسى يوق جاڭگال، ئوغرىسى يوق يۇرت نەدە بار؟ - دېدى بەگ غەزەپ بىلەن شالىنى چېچىپ، - بىزنىڭ يېڭىساردا ئوغرى يوقمۇ؟ مەن بىلىمەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قەدىمكى دەۋرلەردە جىنايەتچىلەرنىڭ بوينىغا سېلىنىدىغان تاختاي، تاقاق.
تاقاقنىڭ ئۈستىگە كىيدۈردى شالنى، سېلىشتى گۇندا ئۈستىگە ئىشكەلنى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بوتانىكا
باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. دانلىق زىرائەتلەر قاتارىدا ئۆستۈرۈلىدۇ دېنى (گۈرۈچى) ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
يۇڭدىن توقۇلغان قېلىن تىۋىتلىق رومال.
- ئالدىمدا ماڭ - تۇر - دېدى، باتۇر يۈرەك ئۆمەرجان. چۈشتى ئاتنىڭ ئالدىغا، شال يېپىنغان جاسۇس خان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
مەلۇم قېلىنلىقتا ۋە مەلۇم كەڭلىكتە تىلىنغان ياغاچ.
قاپقاراڭغۇ كېچە، قەدىردىن دېرىزىلىرىگە شال قېقىلغان سىنىپنى ئايلىنىپ كېتەلمىگەنگە يېرىم سائەتتىن ئاشتى.