Uyghur主要词典
شاكال بېزى
بىئولوگىيە
<قاسىراق بېزى>، <قاپچۇق بېزى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ھايۋان تېنىدىكى بىر خىل بەز. ئوخشىمىغان ھايۋانلاردىكى شاكال بېزىنىڭ كۆرسىتىدىغان بېزى ئوخشاشمايدۇ. بەزى ھايۋانلارنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسىدىكى شاكال بېزى مەلۇم ماددىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ تۇخۇم شاكىلىنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ، مەسىلەن، ياپىلاق تەنلىك ھايۋانلار تىپى، شورىغۇچى قۇرتلار سىنىپىدىكىلەرنىڭ، چىشى قۇرتلارنىڭ بالىياتقۇ ئۈستۈنكى قىسمىدىكى شاكال بېزىنىڭ (تۇخۇم شاكىلى بېزى ياكى مېخلىس بېزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تۇخۇم شاكىلى ئاجرىتىپ چىقىرىش رولى بار؛ باشقا بىر قىسىم ھايۋانلار مەسىلەن، مولليۇسكلارنىڭ ياش يۇمران مەزگىلىدە قاپچۇق ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان قاپچۇق بېزى بولىدۇ. تۆۋەن دەرىجىلىك قاسىراقلىقلارنىڭ قاسىرىقىنىڭ ئاستىدا بىر جۈپ قاسىراق بېزى (تاڭلاي بېزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بولۇپ، چىقىرۋېتىش ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ كېيىنكى بۆرەك نەيچىسىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن شەكىللەنگەن. مەسىلەن، شاخلانغان ئانتېننىلىقلارنىڭ شاكال بېزى ئاخىرقى ئۇچ خالتىسى ۋە بۆرەك نەيچىسىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، چىقىرىۋېتىش تۆشۈكى ئارقىلىق ئىككىنچى كىچىك تاڭلىيىنىڭ تۈۋىدىن ئېغىز ئاچقان. ئومۇرتقىلىق ھايۋانلاردىن قۇشلارنىڭ تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇچىنىڭ نەيچە دىۋارىدىمۇ تۇخۇم شاكىلىنى ئاجرىتىپ شەكىللەندۈرىدىغان شاكال بېزى بولىدۇ.