شاكالⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تۇخۇم، ئۈچكە، غوزا قاتارلىقلارنىڭ تاشقى پوستى:[مىسال:] پىيالىدىكى ھاراقنىڭ ئاستى-ئۈستىدە تۇخۇم شاكىلى، موخوركا قالدۇقلىرى ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② يېيىلىپ بولغان ئۈزۈم شۆپۈكى، ئۈزۈم خامىنىدىن قېلىپ قالغان ئۇششاق ياغاچ قاتارلىقلار:[مىسال:] 60 ياشقا كىردىم، دېدى ئۇ ئۈستەلدىكى ئۈزۈم شاكاللىرىنى يىغىشتۇرۇپ.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كېرەكسىز نەرسە:[مىسال:] ئېيتمىساممۇ بىلەرسىز، ئېسىل مىسرا چىقماس ھەرگىز شاكالسىز، بۇنىڭغا ئىزا تارتىش ھاجەتسىز.