Uyghur主要词典
سەزگۈ ئورگىنى
پسىخولوگىيە
( « سەزگۈ ئەزاسى» مۇ دېيىلىدۇ.) بۇ ئادەم ۋە ھايۋان تېنىدىكى تۈرلۈك تەسىرلەرنى قوبۇل قىلىدىغان مەخسۇس قۇرۇلمىدىن ئىبارەت. سەزگۈ ئورگانلىرىنىڭ تۈرى خېلى جىق. ئۇ تۇرغان ئورنى قوبۇل قىلىدىغان تەسىرگە ئاساسەن ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ: (1) تاشقى سەزگۈ ئورگانلىرى، بۇلار تېرە، پۇراق شىللىق پەردىسى، تەم بىلىش غوندىكى، كۆرۈش ئورگىنى ۋە ئاڭلاش ئورگىنى قاتارلىقلارغا جايلاشقان بولۇپ، تاشقى مۇھىتتىن كەلگەن تۈرلۈك تەسىرلەرنى قوبۇل قىلىدۇ. (2) ئىچكى سەزگۈ ئورگانلىرى بولۇپ، بۇلار ئېغىز بوشلۇقىغا، ئىچكى ئەزالار ۋە قان تومۇرلارغا جايلاشقان. ئۇلار ئېغىز، بوغۇز، قىزىلئۆڭگەچ، ئاشقازان ئۈچەي ۋە ئۆپكىنىڭ ئۈستىنكى يۈزىگە بولغان تەسىرلەرنى قوبۇل قىلىدۇ. جۈملىدىن قان تومۇرلارنىڭ ئىچكى تەرىپىدە قان بىسمى ياكى خىمىيۋى ئۆزگىرىشلەردىن ھاسىل بولغان تەسىرلەرنى قوبۇل قىلىدۇ، (3) بەدەن سەزگۈ ئورگانلىرى، بۇلار مۇسكۇل، مۇسكۇل پەيلىرى، بوغۇم ۋە ئىچكى قۇلاقلارغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇلار بەدەن ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بۆلەكلەرنىڭ ھەرىكىتى ۋە تەڭپۇڭلۇق تەسىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاغرىق، بىسىم ھارارەت قاتارلىقلارنىڭ سەزگۈ ئورگىنى قۇرۇلمىسى بىر قەدەر ئاددىي بولىدۇ. لېكىن ئۇلار ناھايتى كەڭ تارقالغان. بەدەننىڭ ھەممىلا يېرىدە بار. تۈرلۈك سەزگۈ ئورگانلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس قۇرۇلمىسى ۋە رولى (فونكسيىسى) بار ۋە ئۇلار ئالاھىدە خاراكتېردىكى تەسىرلەرنى قوبۇل قىلىدۇ، كۆرۈش سەزگۈ ئورگىنى ۋە ھىد بىلىش سەزگۈ ئورگىنى يىراقتىكى تەسىرنى قوبۇل قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار بىراقتىن سېزىدىغان سەزگۈ ئەزالار دەپ ئاتىلىدۇ.