Uyghur主要词典
سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ مەخسۇسلىشىش ھادىسىسى
پسىخولوگىيە
بىر خىل سەزگۈ ئورگىنى ئۆزىگە ماس بىر خىل تەسىرنى ياخشى سېزەلەيدۇ ( مەسلەن، كۆز يورۇقلۇقنى ). بەدەن بىر تەسىرلەر ( بېسىم كۈچى، توك) مۇ يورۇقلۇق سەزگۈسىنى پەيدا قىلالايدۇ، لېكىن بۇ خىل سەزگۈ قوپال بولۇپ كۈچلۈك تەسىر قىلغاندىلا، ئاندىن سەزگۈ پەيدا قىلىدۇ، بەزى تەسىرلەر بەزى بىر ئەزالاردا سەزگۈ پەيدا قىلالمايدۇ ( پۇراق كۆزگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ)، سەزگۈ ئەزالىرىغا نىسبەتەن بۇنداق تەسىرلەر ماس كەلمەيدىغان تەسىر ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇنداق، تۈرلۈك سەزگۈ ئورگانلىرىنىڭ ئۆزىگە ماس كەلگەن مەخسۇس تەسىرلەرنىلا قوبۇل قىلىش ھادىسىسى سەزگۈ ئورگانلىرىنىڭ مەخسۇسلىشىش ھادىسىسى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ھادىسە جانلىقلارنىڭ ئۇزۇن زامانلار تەدىرىجىي تەرەققىياتى جەريانىدىكى تەبىئىي تاللىشىنىڭ نەتىجىسى. تۆۋەن دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ مەخسۇس سەزگۈ ئورگىنى بولمايدۇ. بىر مۇنچە سەزگۈ ھۈجەيرىلىرى ھايۋاننىڭ پۈتۈن تېنىنىڭ يۈزىگە تارقالغان بولىدۇ، تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا ھايۋانلارنىڭ سەزگۈ ھۈجەيرىسى تەدرىجىي ھالدا مەخسۇس بىر ئورۇنغا مەركەزلەشكەن. سەزگۈ ھۈجەيرىلىرىنىڭ فۇنكىسىيىسى شارائىتىقا ماسلىشىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز دىففېرنسيىلەشكەن. قۇرۇلمىسىمۇ ماس ھالدا مۇكەممەللىشىپ بارغان. شۇنىڭ بىلەن بەزى ھايۋانلارنىڭ سەزگۈ ئەزاسى شەكىللەنگەن. ھايۋانلار بوشلۇقتا ھەرىكەتلەنگەندە ، ئۇلارنىڭ بېشى ئالدى تەرەپتە بولۇپ، ھەممىدىن بالدۇر تاشقى مۇھىت بىلەن ئۇچرىشىدۇ. قوبۇل قىلغان غىدىقلاش تەسىرىمۇ كۆپ، ئەڭ مۇرەككەپ بولىدۇ. بۇلار بىۋاستە ئۇچرىشىپلا قالماي، بەلكى يىراقتىن سىگنال بېرىش رولىنى ئوينايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن باشقا جايلاشقان سەزگۈ ئورگانلار (ئارىلىقنى سېزىدىغان ئەزالارمۇ ) بىر قەدەر جىقراق، ئەڭ دەسلەپ ئىچكى قۇلاقتا پەقەت دەلىز (دالانچە ) ئورگىنىلا بار ئىدى. ئۇ باش ئورنىنىڭ قوزغىلىشى پەيدا قىلغان يېرىم ئايلانما نەيچە بىلەن قۇلاق تېشى ئىچىدىكى لىمفا ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىنى سېزەتتى. كېيىن يەنە دېففېرنسىيىلىنىپ مەلۇم يىراقلىقتىكى ھاۋا تەۋرىنىشىنىڭ ئاۋاز دولقۇنىنى سېزىدىغان قۇلاق قۇلۇلىسىدىن ئىبارەت ئاڭلاش ئورگىن كېلىپ چىقتى. تۈرلۈك سەزگۈ ئورگانلىرى دېففېرنسىيىلىنىش جەريانىدا، تەبىئىي يۇسۇندا ئەقىلغە مۇۋاپىق فۇنكىسيە تەقسىماتىنى شەكىللەندۈردى، ھەر قايسىسىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ماس كېلىدىغان ئالاھىدە مەخسۇس تەسىر قارارلاشتى. سەزگۈ ئورگانلىرىنىڭ مەخسۇسلىشىش ھادىسىسى ئەنە شۇنداق كېلىپ چىققان.