Uyghur主要词典
سەزگۈ نېرۋىسىنىڭ ئالاھىدە قابىلىيىتى تەلىماتى
پسىخولوگىيە
سەزگۈ ئەزالار فىزىئولوگىيىسىنىڭ ئىجادچىسى گېرمانىيلىك فىزىئولوگ مۇللېر 1833 - يىلدىن 1840 - يىلغىچە « ئىنسانلار فىزىئولوگىيىسى قوللانمىسى » نى ئېلان قىلدى. ئۇ ئەنە شۇ كىتابتا « سەزگۈ نېرۋىسىنىڭ ئالاھىدە قابىلىيىتى تەلىماتى» نى ( بەزىلەر « سەزگۈ ئورگاننىڭ ئالاھىدە قۇۋۋىتى تەلىماتى » ياكى « ئالاھىدە سەزگۈ قابىلىيىتى تەلىماتى » دەپ تەرجىمە قىلغان) سىستېمىلىق بايان قىلغان. بۇ تەلىماتنىڭ ئاساسىي نۇقتىئىنەزەرى ھەر خىل سەزگۈ نېرۋىلىرى ئۆزىگە خاس ئالاھىدە قۇۋۋەتكە ئىگە، مەلۇم خىلدىكى نېرۋا غىدىقلانغاندا، ئۇ ئۆزىگە خاس بولغان ئالاھىدە قۇۋۋەتنى ( ئېنىرگىيە) ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مۇئەييەن بىر سەزگۈ ھاسىل بولىدۇ. سەزگۈنىڭ خاراكتىرى نېرۋىدا بولغان ئالاھىدە قۇۋۋەتكە باغلىق بولۇپ، تەسىرنىڭ خاراكتېرىگە باغلىق ئەمەس، دەپ قارشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئاساسلانغان ئاساسىي پاكىتى ئىككى: (1) خاراكتېرى بىر خىل بولمىغان ئىككى خىل سەزگۈ پەيدا قىلىشى. مەسلەن: يورۇقلۇق ياكى توك بىلەن كۆزگە تەسىر قىلىنسا، پەقەت كۆزگە خاس بولغان يورۇقلۇق سەزگۈسىنىڭ پەيدا بولۇشى؛ (2) بىر خىل غىدىقلىغۇچ بىلەن تۈرلۈك سەزگۈ ئەزاغا تەسىر قىلىنسا، شۇ ئەزالاردا ئۆزىگە خاس سەزگۈنىڭ پەيدا بولۇشى؛ مەسلەن: توك بىلەن رەت بويىچە كۆز، قۇلاق، تىل، تېرىگە تەسىر قىلىنسا، كۆرۈش، ئاڭلاش، تەم، تېگىش، ئاغرىش قاتارلىق تۈرلۈك سەزگۈلەرنىڭ پەيدا بولۇشى؛ مۇز بىلەن سوغۇقنى سېزىش نۇقتىسىغا تەسىر قىلىنسا، سوغۇق سەزگۈسىنىڭ پەيدا بولۇشى، ئىسسقنى سېزىش نۇقتىسىغا تەسىر قىلىنسا، ئىسسىق سەزگۈسىنىڭ پەيدا بولۇشى، ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ پاكىتلارنىڭ ئاساسىي: ھەر بىر سەزگۈ نېرۋىسىنىڭ ئۆزىگە خاس پائالىيەت شەكلىنىڭ بار بولغانلىقى. نېرۋىنىڭ ئۆزىدە ئالاھىدە ئېنېرگىيە بولۇپ، قايسى خىل غىدىقلىغۇچ تەسىر قىلمىسۇن، پەقەت مەلۇم خىلدىكى سەزگۈ نېرۋىسى ئۆزىگە خاس ئالاھىدە ئېنىېرگىيىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « تاشقى تەسىر پەيدا قىلغان سەزگۈنىڭ ئېڭىمىزغا مەلۇم قىلغان ئۇقتۇرۇشى تاشقى جىسىمنىڭ خاراكتېرى ياكى ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولماستىن، بەلكى مۇنداق ياكى ئۇنداق بىر خىل سەزگۈ نېرۋىسىنىڭ خاراكتېرى ياكى ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولماستىن، بەلكى مۇنداق ياكى مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقتىن، بۇ خۇسۇسىيەتلەر تۈرلۈك سەزگۈ نېرۋىسىدا تۈرلۈكچە بولىدۇ.» مانا بۇ تۈرلۈك « سەزگۈ ئورگان ئېنېرگىيسى» دۇر. ھەتتا ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « ئەگەر بىز ئاڭلاش نېرۋىسىنى كۆرۈش نېرۋىسىغا كۆچۈرۈپ ئۇلىيالىساق، گۈلدۈرمامىنى كۆرۈپ، چاقماقنى ئاڭلىغان بولاتتۇق». مۇللىرنىڭ « ئالاھىدە ئىنىرگىيە تەلىماتى» تۆۋەندىكى ئىلمىي پاكىتقا: بارلىق نېرۋا ئىمپۇلىسى ( ھەر خىل سەزگۈ ۋە ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئاساسەن ئوخشاشلىق پاكىتىغا خىلاپ. موللىر تەلىماتىنىڭ خاتاسى شۇكى، ئۇ سەزگۈ ئاساسەن تاشقى جىسىمنىڭ خاراكتېرىنىڭ ئىنكاسى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ. لېكىن ئۇ تەلىماتنىڭ توغرا تەرىپىمۇ بار. ھازىرقى زامان پەنىنىڭ نۇرغۇن كەشپىياتى موللىر تەلىماتىنىڭ ئاساسىي تەرىپىنى يەنى ئۇ كۆرسەتكەن سەزگۈ ئورگانلىرىنىڭ مەخسۇسلىشىش ھادىسىسىنى ئىسپاتلىدۇ ۋە بېيىتتى. سەزگۈ نېرۋىسىنىڭ ئالاھىدە ئېنىېرگىيىسى تەلىماتىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى تارىختا فىزىئو - پىسخولوگىيىنىڭ بەرپا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.