Uyghur主要词典
سەزگۈ نەزەرىيىسى
پسىخولوگىيە
بۇ سەزگۈنى بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا بىلىمنىڭ بىردىن بىر مەنبەسى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدىغان پەلسەپىۋى تەلىمات. سەزگۈنى چۈشەندۈرۈشنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، بۇمۇ ئىككى خىل بولىدۇ، بىرى ماتېرىيالىستىك سەزگۈ نەزەرىيىسى، يەنە بىرى، ئىدىئالىستىك سەزگۈ نەزەرىيىسى. ئالدىنقىسى، سەزگۈنىڭ ئوبىيېكتىپ ماددىي دۇنيادىن كەلگەنلىكىنى، ئوبىيېكىتىپ ماددىي دۇنيانىڭ ئادەمنىڭ سەزگۈ ئورگىنىغا تەسىر قىلىشنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلىدۇ ( دىدرو، لوك)، كېيىنكىسى، سەزگۈ سۇبيېكتىپ ھالدا ئۆز- ئۆزىدىن پەيدا بولىدۇ دەپ قارايدۇ، ياكى سەزگۈنى مەۋجۇدىيەت بىلەن ئوخشاش قىلىپ قويۇپ، سەزگۈنىڭ ئوبيېكتىپ ماددىي دۇنيادىن كېلىشىنى ئىنكار قىلىدۇ ( بېركلى )؛ لېنىن مۇنداق دەيدۇ: « سەزگۈنى نەزەردە تۇتقاندا، سۇبيېتىۋىزىم لۇشيەنىنى بويلاپ مەنچىللىككە ( جىسىم سەزگۈلەر بىرلەشمىسىگە) كېتىپ قېلىشىمىرمۇ مۇمكىن، ئوبيېكتىۋىزىم لۇشىيەنىنى بويلاپ ماتېرىيالىزمغا ( سەزگۈ جىسىم، تاشقى دۇنيانىڭ ئىنكاسىغا ) كېتىپ قېلىشىمىزمۇ مۇمكىن» سەزگۈ نەزەرىيىسى تەجرىبىچىلىك بىلەن يېقىن باغلىنىشلىق بولۇپ، بەزىدە «تەجرىىچىلىك» بىلەن بىر مەنىدە كېلىدۇ.