Uyghur主要词典
سەخرە مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىنىڭ مەشھۇر مەسچىتى ھېسابلىنىدۇ. ئورنى ئېرۇسالىمنىڭ شەرقىي رايونىدىكى ئىسلام دىنىنىڭ كونا مۇقەددەس جايىدا. ئەقسا مەسچىتىنىڭ شىمالىغا 300 مېتىر كېلىدۇ. ئەقسا مەسچىتى بىلەن سەخرا مەسچىتىنىڭ ئوتتۇرىسىنى بۇراق تېمى ئايرىپ تۇرىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 621 - يىلى 7 - ئاينىڭ بىر كېچىسى ئاللانىڭ ئەمرى بىلەن بۇراققا مىنىپ مەككىدىن ئېرۇسالىمغا كەلگەندىن كېيىن تاشقا دەسسەپ بۇراققا مىنىپ ئەرشكە چىققان. شۇڭا مۇسۇلمانلار ئېرۇسالىمنى مۇقەددەس جاي دەپ ھېسابلايدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەسسىگەن تاشنى مۇقەددەس تاش دەپ بىلىدۇ. تاش ئەرەبچىدە «شەخرە» دېيىلگەنلىكتىن، بۇ مەسچىت «سەخرە مەسچىتى» دەپ ئاتالغان. ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى ئابدۇ مالىك بۇ مەسچىتنى 686 - يىلى پۈتكۈزگەن. مەسچىتنىڭ سىرتقى قەۋەت قۇرۇلۇشى سەككىز بۇرجەك شەكلىدە، ھەر بىر بۇرجەكنىڭ ئارىلىق كەڭلىكى 20.5 مېتىر، ئېگىزلىكى 9.5 مېتىر بولۇپ، پۈتۈنلەي تاش بىلەن قوپۇرۇلغان. بۇ مەسچىتنىڭ ئۆگزىسىدىكى ئەگمە شەكىللىك گۈمبىزى گەۋدىلىك قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ. گۈمبەز ئاستى قىسمىغا سۈرىيە، رىم، ۋىزانتىيەنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبى مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن بولۇپ، دۇنيا تارىخىدىكى مەشھۇر قەدىمىي ئاسار ئەتىقە ھېسابلىنىدۇ. Ⅻ ئەسىردە ئەھلىسەلىب قوشۇنى شەرققە يۈرۈش قىلغاندا، بۇ مەسچىتنى خرىستىئان چېركاۋىسىغا ئۆزگەرتىپ «خۇدانىڭ قەسىرى» دەپ ئاتىغان. سالاھىددىن 1187 - يىلى ئېرۇسالىمنى قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن مەسچىتنى ئومۇميۈزلۈك رېمونت قىلدۇردى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىسلام سۇلالىسىمۇ كۆپ قېتىم رېمونت قىلدۇردى. مەسچىت ھازىرغىچە ياخشى ساقلىنىپ تۇرۇپتۇ.