Uyghur主要词典
سەد
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
توساق، تام، ئىگىز توساق، قورغان، سىپىل، ئىستىھكام، قەلئە: سەددى ئىسكەندەر - ئىسكەندەر سالغان ئىگىز قورغان؛ سەددى چىن - جۇڭگو قورغىنى؛ سەددى راھ - يول توسۇقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يۈز - 100: سەدپارە - يۈز بۆلەك، يۈز پارچە؛ سەدھازار - يۈزمىڭ؛ خىلمۇ - خىل.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مۇھىم جايلارغا سېلىپ مۇداپىئەلىنىشكە ئىشلىتىلىدىغان جاي، قۇرۇلۇش.
«قورغان»، «قەلئە» لەر شەھەر شەكىلىدە، «سەد»، « سېپىل» لار ئېگىز قۇرۇق تام شەكلىدە، «پوتەي»، «تۇرار» لار توپ ئېيتىشقا لايىق ياسالغان بولىدۇ.
قورغان ئىچىدىن غۇلار. كونا قەلئەدە جىن بار. ھەقىقەت ئاتمىش ئىستىھكامنى بۇزار. سەددىچىن سېپىلى - ئۈچ مۆجىزىنىڭ بىرى. ئەقىل ھەمراھى ھەم جان يارى ئىلىم، ئىككى ئالەمدە جان ھىسارى ئىلىم. گومىنداڭ ماڭدامدا بىر پوتەي سالغانىدى. قۇمۇلدا قەدىمىي تۇرارلار كۆپ.