Uyghur主要词典
سەۋر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۆكۈز؛ قەدىمكى ئاسترونومىيە چۈشەنچىسى بويىچە ئاسماندىكى ئون ئىككى بۇرجىنىڭ ئىككىنچىسى:
رەھىم قىلماسلار غەرىب بىچارەنىڭ ئەھۋالىغا،
سەۋر ئەر - ئەر ئۇدۇ ئەنبەر مۇشكى تاتادىل غىياس.
شەۋقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ھۆكۈز؛ قەدىمقى ئاسترۇنومىيە چۈشەنچىسى بويىچە، ئاسماندىكى ئون ئىككى بۇرجىنىڭ ئىككىنچىسى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئالدىرىماي كۈتمەك، ئۆزىنى تۇتۇۋالماق.
تاقتى تاق بولماق. سەۋر قىلساڭ، غورىدىن ھالۋا پىشار. سەۋرنىڭ تېگى ئالتۇن. سەۋرنىڭمۇ چېكى بار . سەۋر قاچىسى توشماق. زېرەك ۋە دانادۇر شۇ ئادەم، سەۋر - تاقەت قىلسا ئېغىر دەردتە ھەم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دۇچ كەلگەن، يولۇققان ئېغىرچىلىق، مۈشكۈللۈككە بەرداشلىق بېرىش، قانائەت.
سەۋر قىلماق.
قازاغا رىزا، بالاغا سەۋر (ماقال).
سەۋر - ئەقىلنىڭ بەلگىسى (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئاسترونومىيە
«سەۋر بۇرجى» گە قاراڭ.