Uyghur主要词典
سەۋدا
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
خىيال؛ ھەۋەس، ئارزۇ.
پەرزەنت سەۋداسى.
بىرەر ئادەم ياكى نەرسە دەردىدىكى جۇنۇنلۇق؛ شەيدالىق.
مۇھەببەت سەۋداسى.
تېبابەتچىلىكتە ئادەم بەدىنىدىكى تۆت خىلىتنىڭ بىرى؛ قارامتۇل، قاڭسىق ۋە چۈچۈمەل سۇيۇقلۇق بولۇپ ئورنى تالدا. ئۇ ئەزالارنىڭ شەكىل ۋە سۈپىتىنى ساقلاپ، سەپرا ۋە بەلغەمنىڭ كۆپىيىشىنى چەكلەيدۇ. سەۋدا خىلىتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگلىگەن كىشىلەرنىڭ كۆز ئېقى، تىلى قارامتۇل ياكى سۇس كۆك، ئۇيقۇسى كەم، ئاچچىقى تېز، تەپەككۇرى ئۆتكۈر كېلىدۇ.