Uyghur主要词典
سەۋاد
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قارا، قاراتۇس، قارىلىق:
قاراڭغۇ، قاراڭغۇلۇق، زۇلمەت:
ئەتراپ، تامان، جاي:
سەۋادى سايەئى سەرۋى قەدىڭ ئەگەر تۇسسە،
ئىكى جەھاندا ئىكى يۈزمە قارقىلايىن.
ئەرشى.
2. شەيى يەلدە بولۇپدۇر نۇرى مەشئەلدىن فىراغىم بار،
سەۋدا ئاھ دىنكىم شۆئلەدىن دايىم چىراغىم بار.
زەلىلى.
3.مەككەتۇللاھدىن مەدىنە خۇش سەۋاد،
ھەم ھەبىبۇللاھۇ دەپ خەيرۇل بىلاد.
زەلىلى.
4. ئەي ساچىڭ شەيدا كۆڭۈللەرنىڭ سەۋادى ئەئزەمى،
ھەلقە - ھەلقە رەھنىڭ سەرمەنزىلىدۇر ھەر ھەمى.
ناۋايى.
شەھەر، ئۆلكە، دىيا، تېررىتورىيە، مەملىكەت:
خەت - يېزىق ساۋات.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قارا، قاراتۇس؛ قاراڭغۇ، قاراڭغۇلۇق؛ بىر نەرسىنىڭ قارىسى؛ خەت - ساۋات، يېزىق؛ شەھەر، ئۆلكە، تېرىتورىيە، يىراقتىن كۆرۈنگەن قارا، بەلگە، نىشان: سەۋاد ئەيلىمەك - يازماق؛ سەۋاد زاھىر - قارىسى كۆرۈنمەك.