Uyghur主要词典
سەھىھۇل مۇسلىم
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇنى مۇسلىم ئىبنى ھەججاج تەھرىرلىگەن. لېكىن، بۇ زات ھاياتىدا بۇ ئەسەرنى قولدىن چىقىرىپ كېتەلمىگەن. ئۇنى شاگىرتلىرى فىقھە ئۇسۇلى بويىچە تۈرلەرگە ئايرىپ پۈتكۈزگەن. 52 جىلد. سۈننىي مەزھىپى ئۇنى ئالتە چوڭ ھەدىس كىتابىنىڭ بىرى ھېسابلاپ، <سەھىھۇل بۇخارى> دىن قالسىلا، ئۇنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ. بۇ ئىككى كىتابنى <قۇرئان كەرىم> نىڭ سىرتىدىكى ئىككى مۇقەددەس كىتاب، دەپ ھېسابلايدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرىدىن توپلانغان 300 مىڭدىن ئارتۇق رىۋايەتتىن ئالتە مىڭدىن كۆپرەكى تاللىنىپ كىتابقا كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ باشقا ھەدىس شېرىپلەرگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، باب - پاراگرافلارغا ئايرىلمىغارن بەلكى تۈرلەرگە ۋە ئىسنادىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن. ئېيتىلىشىچە، كىتابتىكى تۆت مىڭ ھەدىس (بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە بىر مىڭ 300 ھەدىس) شەكسىز نوپۇزغا ئىگە ئىكەن. مۇھىددىن يەھيا نەۋاۋى (1233 - 1277) نىڭ تەپسىر كىتابى ئەڭ مەشھۇر كىتاب ھېسابلىنىدۇ.