Uyghur主要词典
سەركەش
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
باش بەرمەيدىغان، ئىتائەتسىز، ئۈجەر، باش تارتقۇچى:
ئەركەيار:
1. سەرھەلقەۋۇ سەركەشان جەلالى،
دەغى قويادۇر مەدارى ئۆزرە.
زەلىلى.
2. شوخى سەركەش دېدى: ئەي جاھىل سىرىشت،
رازى ئولساڭ ھەرنە ئولسە سەرنەۋىشت.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
باش تارتقۇچى، ئىتائەتسىز، يولغا كىرمەس، بوي بەرمەس: سەركەش نىھال - باش تارتقان، بويدار دەرەخ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئىتائەتسىز، گەدەنكەش.