Uyghur主要词典
سەركەردە
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قوماندان، لەشكەر بېشى؛ باش زىخۇي، سىلىڭ؛ باشلىق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئارمىيىدىن ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرغۇچى جەڭلەرگە يېتەكچىلىك قىلغۇچى.
«سىلىڭ»، «سىلىڭيۈەن» لەر خەنزۇچە: 司令،司令员
كۈچلۈك قوماندان قولىدىن ئاجىز ئەسكەر چىقماس. ياغاچتىن ئامبۇر پۈتمەس، ئەخمەقتىن قوماندان. سەركەردە يۇرت ئالىدۇ، يۇرت سورىمايدۇ. گومىنداڭ قوشۇنىنىڭ سىلىڭى. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيسى شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ سىلىڭيۈەنى. لەشكەر بېشى قورقۇنچان بىلەن مەسلىھەتلەشمەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
كونا لەشكەر بېشى، قوماندان.
سوپىئاخۇن قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ۋە ئىنتايىن غەلىبىلىك جەڭ قىلىۋاتقان خەلقنىڭ مەشھۇر سەركەردىلىرىدىن بولۇپ يېتىشكەنىدى.
كۆچمە، يولباشچى، باشلىق.
- جانابلىرى دانىشمەن سەركەردىمىزنى خاتىرە شەرىپلىرىدىن چىقىرىپ قويمىغانلا، - دېدى ئۇ سىپايىلىك بىلەن.