Uyghur主要词典
سەر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
باش، ھەر قانداق نەرسىنىڭ بېشى؛ ئۇچ، چوققا:
ئانىڭدەك خاركىم تەرك ئەيلەگىل سەر،
ئۇرۇپ تىل بىرلە دائىم تامغە خەنجەر.
ناقىس.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئۇچ، چوققا؛ سەرگۈزەشتە - باشتىن ئۆتكەن كەچمىشلەر؛ سەر موي ياكى سەرمۇ - چاچ ياكى تۈك ئۇچى. قىلچە.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
سەر - شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى پۇل بىرلىكى. ئازادلىقتىن ئىلگىرى يەنى 1930 - يىللاردا شىنجاڭدا ئۈچ سەرلىك، بەش سەرلىك (1932 - يىلى)، 10 سەرلىك (1933 - يىلى) قىممەتتىكى ئۆلكە پۇلى تارقىتىلغان.
ئازادلىقتىن ئىلگىرى بىر يۈەنلىك كۈمۈش تەڭگىنى 40 - 50 سەر ئۆلكە پۇلىغا تېگىشكىلى بولاتتى. (بۇرھان شەھىدى: <شىنجاڭدا 50 يىلىم>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 363 - بەت). سەر يەنە ئېغىرلىق ئۆلچىمىنىڭ نامى.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، ئادەتتە ئالتۇن - كۈمۈش، دورا - دەرمەك قاتارلىق بۇيۇملارنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدۇ. ئېلىمىزنىڭ كونا ئۆلچەم بىرلىكلىرى قانۇنىدا 16 سەر بىر جىڭغا ياكى 10 مىسقالغا تەڭ دەپ بەلگىلەنگەن. كېيىن ئۇ ئۇ بىر جىڭنىڭ 10 /1 ىگە تەڭ بولۇپ، بىر سەر 50 گرامغا تەڭ بولغان. قەدىمدە ئۇ يەنە پۇل بىرلىكى قىلىپمۇ قوللىنىلغان، <سەر Ⅰ> گە قاراڭ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
(1) چىدىماق، سەۋر قىلماق، (2) چىداش، سەۋر قىلىش
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
مىقدار سۆز
پارىسچە
ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى، بىر جىڭنىڭ ئوندىن بىرى.
بىر سەر ئالتۇن، بىر سەر كۈمۈش.
مىڭ سەرنى يوقاتقان بىر سەر (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
يېزت ئى. باش، كاللا.
سۈپ. ئالدىنقى قاتاردىكى، خىللانغان، باشلامچى.
سەر لەشكەر.