Uyghur主要词典
سەدىقە بالانى يەر توۋا گۇناھنى يەر
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
«سەدىقە بالانى يەر، توۋا گۇناھنى يەر»بۇ، يوقسۇل - نامراتلارغا قىلىنغان خەير - ئېھسان، ياخشىلىق باشقا كېلىدىغان خەۋپ - خەتەر، پالاكەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ، خاتالىقىنى تونۇغان، يامانلىقتىن قول ئۈزۈپ، ياخشى يولغا مېڭىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئادەمنىڭ گۇناھى ئەپۇ قىلىنىدۇ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.