Uyghur主要词典
سەنۇسىيە پىرقىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
يېقىنقى زاماندىكى تەسەۋۋۇپچى قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىلىي بولۇپ، سەنۇسىلار ھەرىكىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ پىرقىنى 19 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرى ئالجىرىيىدىكى تەسەۋۋۇپچى ئۆلىما مۇھەممەد بىننى ئەلى سەنۇسى (1791 - 1859) مەككىنىڭ يېنىدا قۇرغان. 1837 - يىلى سەنۇسى مەككە ئەتراپىدا ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن تۇنجى دىنىي تەرغىبات بازىسى - زاۋىيە قۇرىدۇ. كېيىن پىرقىنىڭ مەركىزى شىمالىي ئافرىقىغا يۆتكىلىدۇ. 1843 - يىلى لىبېرىيىدىكى نىشلەنكا بوستانلىقىدا ئافرىقا بويىچە تۇنجى زاۋىيە قۇرۇلۇپ، كېيىن پىرقىنىڭ باش ئورگىنى بولۇپ قالدى. باش ئورگان 3185 - يىلى سەنۇسى ۋاپات بولغاندا بۇ پىرقە ئاساسىي جەھەتتىن تۇراقلاشتى. سەنۇسىنىڭ ئوغلى مۇھەممەد مەھدى سەنۇسى (1844 - 1901) داھىي بولغاندا پىرقە گۈللىنىش باسقۇچىغا كىردى. 1895 - يىلى ئۇ باش ئورگاننى قاتناش تۈگۈنى بولغان كۇفرەھگە يۆتكەپ، پىرقىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە كېڭىيىشىنى تېزلەتتى. مۇھەممەد مەھدى 1902 - يىلى ۋاپات بولۇش ئالدىدا، سەنۇسىيە پىرقىسىنىڭ ترىپولىنىيە، فىزان، كۇفرەھ، سۇدان، ئەرەب يېرىم ئارىلى قاتارلىق جايلاردىكى زاۋىيەسى 136 غا، مۇرىدى ئۈچ مىليونغا يېتىپ، شۇ چاغلاردا شىمالىي ئافرىقىدىكى كۈچى ئەڭ زور دىنىي ئىجتىمائىي ھەرىكەت بولۇپ قالدى. بۇ پىرقە مۇھەممەد مەھدى سەنۇسىنىڭ جىيەن ئوغلى ئەھمەد شېرىف داھىي بولغاندا زاۋىيەلەرنى بازا قىلىپ فرانسىيە، ئىتالىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى كۆپ قېتىم قوراللىق كۈرەش قىلدى. قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، پىرقىنىڭ كۈچى تەدرىجىي ئاجىزلىدى. مۇھەممەد مەھدى سەنۇسىنىڭ ئوغلى ئىدرىس ئىستامبولغا كەتكەن ئەھمەد شېرىفنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، پىرقىنىڭ ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. 1951- يىلى لىبرىيە پادىشاھلىقى قۇرۇلغاندا ئىدرىس پادىشاھ بولدى. 1959 - يىلى 9 - ئايدا كازااىي ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ئىدرىس سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇۋېتىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ، سەنۇسىيە پىرقىسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ پىرقە سوپىزم بىلەن ۋەھھابىيە ئىدىيىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، <قۇرئان كەرىم> گە، ھەدىسكە قەتئىي ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى، ئىسلام دىنىدا پەيدا بولغان ھەر خىل ئىللەتلەرنى ئىسلاھ قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئەۋلىيالارغا تېۋىنىدىغان ۋە ئەۋلىيالار قەبرىسىدىن مەدەت تىلەيدىغان ئادەتكە قارشى تۇرۇپ، دەسلەپكى چاغلاردىكى ئىسلام دىنىنىڭ پاكلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈىدىغانلىقىنى، روھىي ئىستىقامەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، نەپسىنى يىغىشنى، رىيازەت چېكىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ھاراق ئىچىشنى، يالغان ئېيتىشنى، چۈشكۈنلىشىشنى، يالغان گۇۋاھلىق بېرىشنى مەنئى قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتقانىدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە ئادەملىرىنى دېھقانچىلىق، سودىگەرچىلىك قىلىپ، ئەجرىگە يارىشا ئېلىشقا ھەمدە ئات مىنىش، ئوقيا ئېتىش قاتارلىق ھەربىي ماھارەتلەرنى ئىگىلەشكە؛ غەيرىي مۇسۇلمان رايونلىرىدىكى دىنىي تەرغىبات خىزمىتىنى تىرىشىپ قانات يايدۇرۇشقا؛ <جىھاد> نى پائال يولغا قويۇپ، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ۋە غەرب مۇستەملىكچىلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى. ئافرىقىنىڭ، بولۇپمۇ لىبېرىيىنىڭ سىياسىي ئىشلىرىدا غايەت زور تەسىر پەيدا قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئافرىقىدا تارقىلىشىدا مۇھىم تۆھپە قوشتى.