Uyghur主要词典
سەنەم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بۇت:
كۆچمە، گۈزەل مەھبۇبە، مەشۇقە، يار:
1. چەراكىم بۇلەر بارچەسى بۇتتەراش،
ياغاچدىن سەنەم قىلغۇچى قارى - ياش.
ئا. نىزارى.
2. مېنى بەسكىم شەھىد ئەتكەچ ئېرۇر قانىم بىلە گۇلگۈن.
ۋەگەر نە ئول سەنەم تىرناغىدا رەڭگى ھىنا يوقتۇر.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تاش ياكى لايدىن ياسالغان بۇت ۋە سۈرەتلەر. كۆچمە مەنىسى: يار، سۆيگىنى، گۈزەل (كۆپلۈكى <ئەسنام>).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
تاشتىن، ياغاچتىن ياكى مېتالدىن ئىنسان قىياپىتىدە (كۆپىنچە گۈزەل ئايال ئوبرازىدا) ياسالغان ۋە زىننەتلەنگەن بۇت.
كۆچمە. گۈزەل، چىرايلىق ئايال، نازىنىن.
ئاي يۈزلۈك سەنەم.
ئۇيغۇر نەغمىلىرىنىڭ بىرىنىڭ نامى. مۇقاملاردا ئۇسسۇللۇق قىياپەت (ئوبراز) يارىتىدىغان مۇزىكىنى كۆرسىتىدۇ. سەنەمدىكى داپ ئۇرغۇسى ۋە نەغمە رىتىمى شوخ ئۇسسۇللۇق <سىيرىلما> (ئۇدارلىق) شەكلىدە بولۇپ، قويۇق ئۇسسۇللۇق مۇزىكا پۇرىقىغا ئىگە.
كۆچمە. يول؛ پەدە.
ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسىمەك.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
سەنەمگۈل، سەنەمقىز
گۈزەل؛ بۇت (مەئبۇدە)