Uyghur主要词典
ساسانىيلار سۇلالىسى
دۇنيا تارىخى
يېڭى پېرسىيە ئىمپېرىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىراندىكى خاندانلىق. مىلادى 227 - يىلى ئەردەشىر Ⅰ ئارساك پادىشاھلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن قۇرغان، بوۋىسى ساسانى دەپ ئاتالغانلىقتىن شۇنداق نام بېرىلگەن. پايتەختى كېتسىفون. ھۆكۈمرانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ھوقۇقىنى مەركەزلەشتۈرۈشنى يولغا قويغان. پائال تۈردە سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلغان. زورو ئاستېر دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان. دۆلەت دىنى قىلغان. Ⅴ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، Ⅵ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قۇللۇق تۈزۈمدىن ئاستا - ئاستا فېئوداللىق تۈزۈمگە ئۆتكەن. 914، 529 - يىللىرى مازداك قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلگەن. خوسراۋ Ⅰ تەختتە تۇرغان مەزگىلدە (153 - 579) سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ئىسلاھات يولغا قويولغان. مەدەنىيەت - سەنئەت گۈللەنگەن بۇ خاندانلىقنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ پادىشاھلىرى رىم ئىمپېرىيىسى ۋە ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن ئۇزاققىچە ئۇرۇش قىلغان. Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ، بىرنەچچە قېتىم يەپتاللارنىڭ تاجاۋۇزىنى چېكىندۈرگەن. Ⅶ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، خاندانلىق خارابلىشىشقا قاراپ ماڭغان ھەمدە ئەرەبلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان، 637 - يىلى ئەرەبلەر كېتىسىفوننى ئىشغال قىلىۋالغان. 642 - يىلى، نىھاۋان جېڭىدە، ئەرەبلەر يەنە ئىران قوشۇنلىرىنى تارمار قىلغان، يەزدېگېرد Ⅲ قېچىپ كەتكەن، 651 - يىلى ئۆلتۈرۈلگەن، خاندانلىق شۇنىڭ بىلەن ھالاك بولغان. ساسانىيلار (ئىران) <يىپەك يولى> نىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگو بىلەن بولغان دىپلوماتىك ۋە سودا مۇناسىۋىتى بەك قويۇق بولغان. ئەرەبلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن، يەزدېگېردⅢ نىڭ ئوغلى پېروز تاڭ سۇلالىسىدىن ياردەم سورىغان، لېكىن تاڭ سۇلالىسى ماقۇل بولمىغان. كېيىن پېروز تاڭ سۇلالىسىگە كېلىپ پاناھلانغان، ئاخىرى جۇڭگودا ئۆلگەن.