Uyghur主要词典
ساساكې سوئىچى
دۇنيا تارىخى
(1878 - 1965)ياپونىيە ئاساسىي قانۇن قانۇنشۇناسى. قانۇنشۇناسلىق دوكتورى. كيوتو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتىتى قانۇن كەسپىنى تۈگىتىپ، 1913 - يىلى بۇ مەكتەپنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1933 - يىلى پروفېسسور تاكىگا ۋە يۇكىتوكى (1891 - 1962) نىڭ ئىلمىي تەشەببۇسىنى قوللاپ، مەدەنىيەت مۇئاۋىن ۋازارىتىنىڭ يولسىز تەدبىرلىرىگە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن، ئىستىپا بېرىپ، لىمىڭگۇەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى مەھكىمىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىنى يېزىپ چىقىش خىزمىتىگە قاتناشقان، بىراق بۇ لايىھە قوبۇل قىلىنمىغان. ئۇنىڭ <ياپونىيە ئاساسىي قانۇن تېزىسلىرى>، <ياپونىيە دۆلەت ئاساسىي قانۇنى ھەققىدە> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.