Uyghur主要词典
سارقىماق
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
تامماق، تامچىماق، سىزىپ چىقماق، سىرغىپ چىقماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۇيۇقلۇق تامچە بولۇپ چۈشمەك.
تاما- تاما كۆل بولار. تامچىلىغان تامچە تاش تېشەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
سىرغىپ چۈشمەك.
بەزىدە ئاچچىق تەر تامچىلىرى پېشانەمدىن سارقىپ چۈشۈپ كۆزۈمگىمۇ كىرىپ كېتەتتى.
كۆچمەك، يۆتكەلمەك.
تۈندە كەڭ ئاسماندا مەغرۇر سارقىغان يۇلتۇز كەبى، <لاپ> قىلىپ ئۆچسەممۇ سەندە، بىر يورۇپ چاقناپ ئۆتەي.
كۆچمە. مەلۇم بىر تەرەپكە مايىل بولماق، قىيسايماق.
- تەكشۈرۈش ھەرقانچە توغرايول بىلەن باردى دېگەندىمۇ، قىياس تەرەپكىرەك سارقىپ كېتىپ قالدى، - دېدى رەيھانەم مۇلاھىزە بىلەن.