Uyghur主要词典
سارگون
دۇنيا تارىخى
سارۇكىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ، مەنىسى <ھەققانىيەتچىل پادىشاھ> دېگەنلىك. ئاككاد پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 2371 - 2316). رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە ئاددىي خەلقتىن چىققان، باغۋەن بولغان. قورال كۈچى بىلەن ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، ئاككاد پادىشاھلىقىنى قۇرغان. كۆپ قېتىم ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق لۇگال، زاكگىسى قاتارلىق كىچىك پادىشاھلارنى يېڭىپ، سۇمېر شەھەر بەگلىكىنى بويسۇندۇرۇپ، مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇب رايونىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. ئاككادنى پايتەخت قىلغان. شۇنداقلا چەتكە كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، شىمالدا سۇبارتۇغا بېسىپ كىرگەن. شەرقىي جەنۇبتا ئېلامنى بويسۇندۇرغان. ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش دائىرىسى كىچىك ئاسىيا، سۈرىيە ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىغىچە بېرىپ يەتكەن. شۇنىڭدەك سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارغان، دەريا - ئۆستەڭلەرنى چاپتۇرغان، ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرگەن، دائىمىي زاپاس قوشۇنىنى كېڭەيتكەن (5400 كىشى)، ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتكەن. سارگون Ⅰ قۇرغان ئاككاد پادىشاھلىقى شۇ زاماندا مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى تۇنجى بىرلىككە كەلگەن چوڭ دۆلەت بولغان.
دۇنيا تارىخى
ساررۇكىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ، مەنىسى <ھەققانىيەتچىل پادىشاھ> دېگەنلىك بولىدۇ. ئاسسۇرىيە پادىشاھى (مىلادىدىن ئىلگىرى 722 - 705). تىگلاھ پىلېسېر Ⅱ دىن كېيىن، ھەربىي ئىشلار ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان. مىلادىدىن 722 يىل ئىلگىرى سامارىيىگە ئۈچ يىل قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ ئاخىرى يەڭگەن، ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنى يوقىتىپ، 27 مىڭدىن ئاھالىنى ئېلىپ قايتقان. ئۇ يەنە تۇرې، گازانى مەغلۇپ قىلغان، پۈتكۈل سۈرىيىنى بويسۇندۇرغان، مىسىر فىرئەۋىنى ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبور بولغان. مىلادىدىن 714 يىل ئىلگىرى ئورارتو پادىشاسى لۇسا Ⅰ نى مەغلۇپ قىلىپ، توشپا شەھىرىنى ۋەيران قىلىپ، مۇساشىر شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، نۇرغۇن غەنىيمەت ئالغان. مىلادىدىن 710 يىل ئىلگىرى يەنە بابىلوننى ئىشغال قىلىۋالغان (ئۆزى ۋالىي بولغان)، بابىلونىيىنى ئىمپېرىيە زىمىنىغا قوشۇۋالغان. تەسىر دائىرىسى كىچىك ئاسىيا ۋە سىپرۇس ئارىلىغىچە بېرىپ يەتكەن. ھەرقايسى شەھەرلەردىن نەچچە ئون مىڭ ئاھالىنى ئېلىپ، مەجبۇرىي يۆتكەپ كەتكەن. مىلادىدىن 707 يىل ئىلگىرى پايتەختىنى دۇر ساررۇكىن ( بۇنىڭ مەنىسى <ساردۇكىن قورغىنى> دېگەنلىك، ھازىرقى ئىراقتىكى ھېلساباد)غا يۆتكىگەن، ئوردا سېلىىپ، بولۇشىچە ھۇزۇر - ھالاۋەت كۆرگەن. ئۇنىڭ ئوردىسى ۋە نۇرغۇن ئاسارا - ئەتىقىلىرىنى 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئارخېئولوگلار تاپقان.