Uyghur主要词典
ساراتوۋ ئوبلاستى
بىئولوگىيە
سوۋېت ئىتتىپاقى ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىن رايونىغا جايلاشقان. مەيدانى 10 مىڭ 200 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 2 مىليون 560 مىڭدىن ئاشىدۇ (1979)، رۇسلار 10/9 قىسمىنى، قالغىنى ئۇكرائىن، چۇۋاش، مولداۋا، تاتار قاتارلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. ساراتوۋ 1934 - يىلى ئوبلاست بولۇپ قۇرۇلغان، مەركىزى ساراتوۋ شەھىرى. ساراتوۋ ئوبلاستىنىڭ بىر قىسىم جايلىرى ئېدىرلىق، بىر قىسىم جايلىرى تۈزلەڭلىك بولۇپ، ئېگىز تاغلىقلار ئۇچرىمايدۇ. نېفىت، تەبىئىي گاز، مايلىق سىلانېتىس، كالىي تۇزى قاتارلىق كان بايلىقلىرى ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ. ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغ ماتېرىك خاراكتېرلىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 250-400 مىللىمتېرغا يېتىدۇ. يېرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئورمان، ئوتلاق، ئوتلاق بەلبېغى، شەرقىي جەنۇب قىسمى يېرىم چۆل بەلباغ بولىدۇ. سانائىتىدە نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش، نېفىت - خىمىيە، ماشىنىسازلىق سانائەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە بۇغداي، قارا بۇغداي، كۆممىقوناق، ئاپتاپپەرەس، تاماكا قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. مۇھىم شەھەرلىرى بالاشاۋ، ۋۇلىسكى ئېنگىلېس شەھەرلىرىدىن ئىبارەت.