Uyghur主要词典
ساراسىمە بولماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئالدىراپ - ئاسىقىپ كەتمەك، بىرەر تەسىردىن قاتتىق بىئارام بولماق.
ئاتاڭ ئۆلگەندە، قىزىڭ ياتلىق بولغاندا ھۇدۇقماق. ئىت ھودۇقسا تامغا سەكرەر. ئالاقزادە بولغاندىن ئامال قاچىدۇ. ساراسىمە بولساڭ، ئەقىل قاچىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
نېمە قىلىشنى بىلەلمەي ھودۇقۇپ قالماق، تەمتىرىمەك، گاڭگىرىماق: بەزىلەر ھەر تەرەپتىن باستۇرۇپ كەلگەچكە، خەۋرىسىز تۇرغان دىۋىلەر ساراسىمە بولۇپ تەڭ كېلەلمىدى.