Chinese→Uyghur主要词典
三月内阁
دۇنيا تارىخى
مارت كابېنېتى
1848 - يىلى 3 - ئايدا جەنۇبىي گېرمانىيىدىكى ھەرقايسى شتاتلار ئىنقىلابتىن كېيىن قۇرغان بۇرژۇئازىيە لىبېرالىستلىرى ئىچكى كابېنتىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. فرانسىيە فېۋرال ئىنقىلابنىڭ تەسىرى بىلەن، 1848 - يىلى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئالدى بىلەن بادېندا ئىنقىلاب پارتلاپ، ئەكسىيەتچىل ۋەزىرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ھاكىمىيەت بۇرژۇئا لىبېرالىستلىرىنىڭ قولىغا چۈشكەن. شۇنىڭ كەينىدىنلا ھېسسېن، ۋيۇرتېمبېرگ، ساكسون ۋە باۋارىيە قاتارلىق شتاتلاردىمۇ كەينى - كەينىدىن ئىنقىلاب پارتلىغان، ھەرقايسى شتاتلارنىڭ پادىشاھلىرى لىبېرالىستلار كابېنتى قۇرۇشقا مەجبور بولغان ھەمدە ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن، تەبىقە پارلامېنتى چاقىرىپ، ئاساسىي قانۇن تۈزۈشكە، ئاخبارات، يىغىن ئۆتكۈزۈش، جەمئىيەتكە ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا، سىياسىي جىنايەتچىلەرنى كەچۈرۈم قىلىشقا ۋە پۈتۈن گېرمانىيە مىللىي پارلامېنتىنى سايلاش قاتارلىقلارغا ۋەدە قىلغان. بۇرژۇئازىيە لىبېرالىستلىرى سىياسىي جەھەتتە قانائەتلەنگەندىن كېيىن، كورۇلى ۋە ئەكسىيەتچىل ئاقسۆڭەكلەرگە پائال ماسلىشىپ ھەرقايسى شتاتلارنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنى ئۇجۇقتۇرغان.