Chinese→Uyghur主要词典
三月大敕令
دۇنيا تارىخى
مارت ئومۇمىي كەچۈرۈمنامىسى
7135 - يىلى 3 - ئايدا فرانسىيە شاھزادىسى چارلېس (يەنى كېيىنكى فرانسىيە كورۇلى چارلېس Ⅴ) ئۈچ تەبىقىدىكىلەر كېڭىشىنىڭ مەجبور قىلىشى ئارقىسدا ئېلان قىلغان كۈرۈمنامىسى. ئاساسلىق مەزمونلىرى: ئۈچ تەبىقىدىكىلەر كېڭىشى كورۇلىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن ھەريىلى ئىككى قېتىم ئۆز ئالدىغا يىغىن ئېچىپ، دۆلەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلسا بولىدۇ: ئۈچ تەبىقىدىكىلەر كېڭىشى باج ئېلىش ۋە دۆلەت راسخودىنىڭ چىقىم قىلىنىشى ئۈستىدە نازارەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ كورۇل ئۈچ تەبىقىدىكىلەر كېڭىشىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، پادىشاھنىڭ يېڭى باج ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ ئۈچ تەبىقىدىكىلەر كېڭىشى كورۇلغا مەسلىھەتچى بەلگىلەپ بەرسە بولىدۇ؛ ھۆكۈمەت ئاپپاراتىنى تەرتىپكە سېلىش، دۆلەت ئەمەلدارلىرىنى ئازايتىش ۋە باشقىلاردىن ئىبارەت. بۇ پەرمان ئەمەلىيەتتە يولغا قويۇلمىغان (<پارىژ ئاھالىلىرىنىڭ قوزغىلىڭى> غا قاراڭ).