Uyghur←Chinese主要词典
سانتوجىداي
دۇنيا تارىخى
参觐交代
cān jìn jiāo dài
ياپونىيە ئېدو شوگونلۇقىنىڭ جايلاردىكى تۆرىلەرنى كونترول قىلىشىدىكى مۇھىم تەدبىر. 1615 - يىلى توڭازويا <ھەربىي تۈتۈن توغرىسىدا قانۇن>نى تۈزۈپ سانتوجىداي ئۈچۈن بەلگىلىمە چىقىرىپ بەرگەن. 1635 - يىلى توڭازوگو ئۇنىڭغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈپ، تۆرىلەرنىڭ ئېدوغا بېرىپ ھەريىلى 4 - ئايدا بىرقېتىم نۆۋەت ئالمىشىشنى بەلگىلىگەن. 1642 - يىلى يەنە ۋاقىتقا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، ئادەتتىكى سودائى تۆرىسىنى (ئەمەلىي توڭاغا مەنسۇپ)نىڭ ھەريىلى 2 - ئايدا، مونىگاشى ۋە نىڭاشىمۇنىڭ سودائى تۆرىلىرىنىڭ ھەريىلى 9 - ئايدا ئالمىشىشىنى بەلگىلىگەن، تۆرىنىڭ بىر يىلى ئېدودا، يەنە بىر يىلى خوجىلىق يېرىدە تۇرۇشنى، مونىڭاشى تۆرىسىنىڭ يېرىم يىلدا ئالمىشىشىنى، شۇيفۇ ۋاسساللىق ۋە شوگنات خىزمىتىگە تەيىنلەنگەن تۆرىنىڭ دائىم ئېدودا تۇرۇشىنى، مازۇڭ شىنىڭ ھەر ئۈچ يىلدا بىرقېىتىم تاۋاپ قىلىشىنى، تۆرىنىڭ خوتۇنىنىڭ دائىم ئېدودا بارىمتاي بولۇپ تۇرۇشىنى بېكىتكەن. يىراقتا تۇرغان تۆرىلەر بۇنىڭ بەدىلىگە كۆپ مىقداردا خىراجەت چىقىم قىلىپ، كېلىپ - كېتىپ تۇرغان. لېكىن ئېدو غايەت زور ئىستىمال شەھىرىگە ئايلىنىپ، روناق تاپقان. 186 - يىلى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، چوڭ ۋاسسال خوجىلىرى ئۈچ يىلنىڭ بىر يىلىدا ئېدودا تۇرۇشنى، باشقا ئۈچ يىلنىڭ يۈز كۈنىدە ئېدوداتۇرۇشىنى، ئۇلارنىڭ بالا - چاقىلىرىنىڭ قەيەردە تۇرۇشىنى تۆرىلەرنىڭ ئۆزى تاللىشىنى بېكىتكەن. بۇ شوگناتنىڭ تۆرىلەرنى كونترول قىلىشىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.