Uyghur←Chinese主要词典
سانتو دومىنگو خىتابنامىسى
领域: دۇنيا تارىخى圣多明各宣言
shèng duō míng gè xuān yán
كارىب دېڭىز بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز - ئوكيان بايلىقىنى قوغداش خىتابنامىسى. 1972 - يىلى 6 - ئايدا، كارىب دېڭىزى بويىدىكى 15 دۆلەت دومىنكانىڭ پايتەختى سانتو دومىنگودا دېڭىز -ئوكيان قانۇنى مەسىلىسى يىغىنىنى ئۆتكۈزگەندە ماقۇللىغان. خىتابنامىدە ئىگىدارلىقتىكى دېڭىز ئۇقۇمىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، دېڭىز بويىدىكى دۆلەتلەردە تولۇق ئىگىلىك ھوقۇقى بولغان 12 دېڭىز مىلىلىق دېڭىز تەۋەسى بولۇشتىن باشقا، مەلۇم كەڭلىكتە ئىگىدارلىقتىكى دېڭىزنى ئايرىش كېرەك؛ دېڭىز - ئوكيان تەۋەسىنىڭ ۋە ئىگىدارلىقتىكى دېڭىزنىڭ پۈتۈن رايونى جۇغراپىيىلىك شارائىتقا ئاساسەن، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 200 دېڭىز مىلىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن ھەمدە دېڭىز ياقىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىدارلىقتىكى دېڭىز رايونى ئىچىدىكى دېڭىز رايونى، دېڭىز - ئوكيان قىنى ۋە دېڭىز - ئوكيان ئاستىدىكى <تەبىئىي بايلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بولۇش>نى بەلگىلىگەن. خىتابنامىگە ئىمزا قويغان دۆلەتلەر سانتو دومىنگو گۇرۇھى دەپ ئاتالغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。