Chinese→Uyghur主要词典
三九政变
دۇنيا تارىخى
9 - مارت سىياسىي ئۆزگىرىشى
ياپونىيە ھىندىچىنىنى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىش ئۈچۈن فرانسىيىگە قارشى قوزغىغان سىياسىي ئۆزگىرىش. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، ھىندىچىنىدا ياپونىيە بىلەن فرانسيىنىڭ زىددىيىتى كەسكىنلىشىپ كەتكەن،1945 - يىلى 3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ياپونىيە ئارمىيسى ھىندىچىنىنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلىۋېلىپ، فرانسىيە ئارمىيىسىنى قورالسىزلاندۇرۇپ، 1940 - يىلى ياپون ئارمىيسى بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، ساقلىنىپ كەلگەن فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىك ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، شۇنخۇادا ۋيېتنامنىڭ رۇەن سۇلالىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھى باۋدانى يۆلەپ، ۋيېتنامنىڭ <مۇستەقىل> بولغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ۋيېتنام ۋە پۈتۈن ھىندىچىنىنى ياپونىيە يالغۇز ئىگىلىگەن مۇستەملىكە قىلىۋالغان.