Uyghur主要词典
سانائەت ئىشچىلار بىرلەشمىسى
领域: دۇنيا تارىخىئامېرىكا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى. 1935 - يىلى 11 - ئايدا ئامېرىكا ئىشچىلار بىرلەشمىسىدىكى كان ئىشچىلىرى بىرلەشمسى، توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى بىرلەشمىسى قاتارلىق 10سانائەت سېستىمىسىدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلىشىپ، <سانائەت ئىشچى - خىزمەتچىلىرى كومىتېتى> نى ئۇيۇشتۇرغان، دۇنيا سانائەت ئىشچىلىرى ئىتتىپاقىنىڭ پرىنسىپلىرىن تەقلىد قىلىپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى تەشكىللىگەن، لېكىن ئىشچىلار بىرلەشمىسى مەركىزىي ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئىگە بولالمىغان. 1938 - يىلى سانائەت ئىشچى - خىزمەتچىلىرى كومېتىتى تۇنجى قېىتملىق ۋەكىللەر يىغىنى چاقىرىپ، يىغىندا ئىشچىلار بىرلەشمىسىدىن ئايرىلىپ چىقىشنى قارار قىلىپ، سانائەت ئىشچىلىرى بىرلەشمىسىنى قۇرۇپ، لېۋىسنى رەئىسلىككە سايلىغان. 1942 - يىلى لېۋىس كان ئىشچىلىرى بىرلەشمىسىگە باشلامچىلىق قىلىپ، سانائەت ئىشچىلىرى بىرلەشمىسىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ، 1945 - يىلى ئىشچىلاربىرلەشمىسىگە قايتىپ كەلگەن. 1955 - يىلى سانائەت ئىشچىلار بىرلەشمىسى بىلەن ئىشچىلاربىرلەشمىسى قوشۇلۇپ ئىشچىلار بىرلەشمىسى - سانائەت ئىشچىلىرى بىرلەشمىسى بولۇپ شەكىللىنىپ، بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。