Uyghur主要词典
سانا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
سۈرگە دورىسى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل(«سان» غا پېئىل ياسىغۇچى قوشۇمچە «ا»قوشۇلغان) .
سانىماق، ساناش.
1 . بىر - بىرىدىن ، دانىلاپ ھېسابلىماق. چۆجىنى كۈزدە سانا. (ماقال) . * چۈچۈرىنى خام سانىماق (ماقال) . * سانىماي سەككىز دېمە (ماقال) . * سەن تاش سانىساڭ خەلق قۇم سانايدۇ. (ماقال) .
2 . .......دەپ قارىماق، ھېسابلىماق. ئالغىنىڭنى كۆپكە سانا، بەرگىنىڭنى ئازغا (ماقال) .
3 . قاراتماق، نەزەردە تۇتماق. قاشقا سانىساڭ كۆزگە، كىشىگە سانىساڭ ئۆزگە (ماقال).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىچنى بوشىتىدىغان، سۈردۈرىدىغان دورا.
ئىچى قېتىپ قالغان كىشى سۈرگە ئىچىشى لازىم، سۈرگە ئىچنى بوشىتىدۇ. ئىچنى بوشىتىپ تۇرۇش سالامەتلىككە پايدىلىق. سانا ئىچكەنمىدىڭ، ئولتۇرالمايسەنغۇ؟
بىئولوگىيە
ئەرەب يەمەن جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە قاتناش مەركىزى. ئەرەب يەمەن جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى. شەھەر ئاھالىسى 277 مىڭدىن ئاشىدۇ (1981). سانا 4 - ئەسىردىن باشلاپ يەمەننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىنىي مەركىزى بولغان. 1918 - يىلى يەمەن مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن دۆلەتنىڭ پايتەختى بولغان. 1948 - يىلى دۆلەتنىڭ پايتەختى جەبۇبتىكى تائىز شەھىرىگە كۆچكەن. 1962 - يىلى ئەرەب يەمەن جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن قايتا دۆلەتنىڭ پايتەختى قىلىپ بەلگىلەنگەن. سانا شەھىرى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى قاتمۇ قات تاغلار بىلەن قورشالغان مۇنبەت تۇرپاقلىق ئورۇنغا جايلاشقان. شەھەرنىڭ جايلاشقان ئورنى دېڭىز يۈزىدىن 2350 مېتىر ئېگىز بولغانلىقتىن، ئۇ جاي تروپىك بەلباغقا توغرا كەلسىمۇ، ئىقلىمى يىللىق بولىدۇ. شەھەر ئەتراپىدا ھەرخىل مېۋە، سەي، گۈل ئۆستۈرۈلىدۇ. شەھەردە توقۇمىچىلىق، بوياقچىلىق، ئالتۇن، كۈمۈشتىن ياسالغان بۇيۇملارنى ئىشلەش، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. سانا شەھىرىنىڭ شەرقىگە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، سودا رايونى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، غەربىگە ئولتۇراق جايلار بىلەن گۈللۈكلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان. سانا شەھرىنى زامانىۋى تاشيول خورايدا پورتى بىلەن باغلاپ تۇرىدۇ.
بىئولوگىيە
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <تەسبىھ>، <مەدھىيە>، <ھەمدۇسانا> دېگەنلىك بولۇپ، خۇيزۇ مۇسۇلمانلار سۈننەت نامازدىكى 28 سۈننەتنىڭ بىرى، دەپ قارايدۇ. ناماز ئوقۇغاندا، قول قوشتۇرغاندىن كېيىن ھەمدۇسانا ئوقۇيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بوتانىكا
پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كىچىك چاتقال. دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. بەلغەم، سەپرا، سەۋدا، كۆيگەن خىلىتلارنى چىقىرىش، دىماغنى پاكىزلاش، بەدەنگە جۇلا بېرىش، شەقىقە، جۇنۇن، باش ئاغرىقى، بېقىن ئاغرىقى قاتارلىقلارغا قارىتا شىپالىق روى بار. ئۇ يەنە سۈرگە دورىسى ئورنىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
پۇنۇسنىڭ پىشقان ئۇرۇقى. شەكلى تاقىغا ئازراق ئوخشايدۇ. تېبابەتچىلىكتە دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ساناگۈل، ساناقىز، ساناخان
مەدھىيە